ئارالدا 6، يېڭىئېرىقتا 2 خىتاي كۆچمەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىسپاتلاندى

يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر، يېڭىئېرىق يېزىسىدا 2 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلتۈرۈلگەن. 19 كىشى ۋەقە گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

بىر ھەپتىدىن بېرى بىر قىسىم غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن، خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئۆلگۈچىلەر سانى 7، بەزىلىرىدە بولسا 11 دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەمما ھازىرغىچە بۇ مەلۇماتلار رەسمىي ھۆكۈمەت ئورۇن ۋە خادىملىرى تەرىپىدىن تېخى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن ئىدى. بۈگۈن رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشى داۋامىدا ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى خادىملىرى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدى. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىدا 6 نەپەر، يېڭىئېرىق يېزىسىدا 2 نەپەر خىتاي كۆچمەن ئۆلتۈرۈلگەن. 19 كىشى ۋەقە گۇماندارى دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.


بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇماتنى سول تەرەپ ئۈستىدىكى "قوراللار" كوزنىكىدىكى ئاۋازدىن ئاڭلاڭ.