ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپمۇ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشالمايۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا خىتايلارنى تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.
خىتاي غەربنى ئېچىش پىدائىيلىرى نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىشكە پىلانلانغان 908 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 201 ئى 16 - ئىيۇل كۈنى جېڭجۇدىن 179 - قېتىملىق پويىز بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومىتېتى ۋە خىتاي پىلان كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بەش يىلدىن بۇيان،خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي ياشلىرى 'شىنجاڭغا ياردەم بېرىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئەۋەتىلىپ خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا نۇرغۇن ئەۋزەل ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىنماقتا.
خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى غەربىي رايونلارغا ئەۋەتىلگەن خىتاي ياشلىرىغا خىزمەت ھەققىدىن باشقا،بارغان رايونلارنىڭ شارائىتىغا قاراپ ھەر ئايدا يۇقىرى بولغاندا 950 يۈەنگىچە تۇرمۇش ياردەم سوممىسى ئاجراتقان بولسا، مەركىزى ھۆكۈمەت ھەر بىرىگە يەنە ئىككى يۈز يۈەندىن مەخسۇس ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ كەلمەكتە ئىكەن.
غەربىي رايونلاردا خىزمەتكە بارغانلارغا بۇ خىل ئەۋزەل خىزمەت ھەم تۇرمۇش ئىقتىسادىي شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشى بارغانچە كۆپ خىتاي ياشلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقان بولۇپ،غەربكە ياردەم بېرىش پىدائىيلىرى مەخسۇس تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىلان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى،مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق دائىرىلەر 2008 - يىللىق پىدائىيلارنى تىزىملاپ قوبۇل قىلىشنى 23 - ئاپرېلدىن باشلىغاندىن ھازىرغا قەدەر، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ غەربىدىكى جايلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىزىملاتقانلار 59 مىڭ 51 نەپەرگە يەتكەن.
ئالدىنقى يىللاردا پىدائىي دېگەن نامدا غەربىي رايونلارغا بارغان خىتاي ياشلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش پىدائىيلىرىنى، غەربىي رايونلاردىكى دېھقانچىلىق، سۇچىلىق،سەھىيە، مائارىپ، ھەمدە قانۇن ساھەلىرىگە مۇقىم خىزمەتكە تېزدىن ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى %100 بولۇپ كەلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەربنى ئېچىش پىدائىيلىرى نامىدا، پىلان بۇيىچە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان مىڭغا يېقىن خىتاي ياشلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى شەندۇڭ ھەمدە خېنەن ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىكەن. ئۇلار ئاساسەن مائارىپ ۋە ئەدىلىيە سىستېمىسىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىچە ھەم ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ،بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانچە مۈشكۈل بولۇۋاتقاندىن باشقا، ئىش ئىزدەش جەريانىدا تۈرلۈك مىللىي كەمسىتىشلەرگە دۇچار بولماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى تەقسىم قىلىش ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن ئابدۇسوبۇر ئەپەندى بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتاي نوپۇسىنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشنى تېزلىتىشى، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىز ياشلارنى ئۆز يۇرتلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرماي يىراق خىتاي ئۆلكىلىرىگە پىلانلىق يۆتكەۋاتقانلىقى تۈرلۈك گۇمان ھەمدە نارازىلىق پىكىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان شەمشىنۇر خانىم ئۆزىنىڭ نارازىلىق پىكىرىنى بايان قىلدى.