خىتاي دۇنيادا ئىجابىي ئوبراز تىكلەش ئۈچۈن 45 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان

'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 45 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ پۇلنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مەركىزى TV ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇچۇر ۋاستىسى ئۆزىنىڭ تەشۋىقات تورلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن 15 مىليارد يۈەندىن ئايرىشىۋالغان. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ۋاستىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن قانال، سەھىپىلرىنىلا ئەمەس، تىل تۈرلىرىنىمۇ ھەسسىلەپ كۆپەيتىدىكەن.

0:00 / 0:00

لى چاڭچۈن: بۇ زاماندا كىمنىڭ تەشۋىقات قورالى ئىلغار بولسا، دۇنيادا شۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى چاڭچۈن يېقىندا قىلغان سۆزىدە 'بۇ زاماندا كىمنىڭ تەشۋىقات قورالى ئىلغار، ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، دۇنيادا شۇنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ' دېگەن.

خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر - ۋاستە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ بەيجىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى شەرھىلەپ ' ئامېرىكا 1945‏ - يىلىدىلا دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئەركىنلىك دېسە ھەممە كىشى ئامېرىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى دېسە، ھەممە كىشى تەڭ - باراۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بىز تېخى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئىستراتېگىيە پەللىسىگە يەتكۈزەلمىدۇق. بىزنىڭ بۇ ئاجىزلىقىمىز 2008‏ - يىلىدا تولۇق ئاشكارىلاندى' دېگەن.

خۇ بەيجىڭ: چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ئىدۇق، جېدەل جىمىقتى

خىتاينىڭ ئۇچۇر - ۋاستە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇ بەيجىڭ بايانىدا 'ئون تۆتىنچى مارت تىبەت ۋەقەسى' يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا دالاي لاما گۇرۇھى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قالدى. تىبەت مىللەتچىلىكى جۇڭگونىڭ تەشۋىقاتىنى گۇمران قىلدى.

ئەمما، بىز چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى كونترول قىلىۋالغاندىن كېيىن، گەرچە بۇ، بۇرۇنقى زامانلاردىكى يېپىق جەمئىيەت ۋە مۇستەبىتلىك شەكىل بولسىمۇ، ئەمما بۇ چارە يەنىلا جېدەلنى جىمىقتۇردى' دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 2008‏ - يىل 4 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن كېيىن، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پۈتۈن يەر شارىدا ئايلاندۇرۇلغاندا، لوندون، پارىژ، سان فرانسېسكولاردا توسالغۇغا ئۇچرىغان ئىدى، ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا ئامال قىلالمىدى. مانا بۇ بىزنىڭ دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئىستراتېگىيىمىز تىكلىنىپ، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۇچۇر - ۋاستىلىرى قۇرۇلمىغانلىقتىن بولغان.

خىتاينىڭ ئوبرازىنى قىلغان گېپىنىڭ راس ياكى يالغانلىقى بەلگىلەيدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى مايئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى دېللېر يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949‏ - يىلىدىن كېيىنلا، ئۆزىنىڭ كوممۇنىزم تەشۋىقاتىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ھەر خىل تىلدا نەشر قىلغان كىتابلىرىدا ھەدەپ 'خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى'نى تەسۋىرلىگەن ئىدى. دۇنيادا كوممۇنىزم سىستېمىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن بولسا، خىتاي ئۆزىنىڭ كۇڭزى تەلىماتى بۇيىچە ئىش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلىدى. ئەمما بۇ تەشۋىقاتلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى، بۇنىڭغا خىتاي قىلغان گەپنىڭ راس ياكى يالغانلىقى سەۋەبچى بولدى.

خىتاي دۇنيادا ئىجابىي ئوبراز تىكلىمەكچى بولسا، بۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىشى كېرەك

ئامېرىكىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى پروفېسسورى جوزىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى ئويدۇرمىچىلىق ياكى يالغان تەشۋىقات بىلەن تىكلىيەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم دەلىل - پاكىت كۆرسىتىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى، باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى، ساختا مال، ساختا دورا ئىشلەپچىقارماسلىقى كېرەك.

لوندوندىكى كەش ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ مىللەتچىلىك ئوبرازى يەنە پەيدا بولدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لوندوندىكى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋېنجاباۋغا 'بۇ مۇستەبىت بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆزىنى ساتامدىكەن' دەپ ۋارقىراپ كەش ئاتقاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارنى خوڭكوڭ TV لىرى كۆرسەتسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كېسىۋەتكەن ئىدى. ئەمما تۈنۈگۈن خىتاينىڭ مەركىزى TV ئىستانسىسى ھەممە كۆرۈنۈشنى ئۆزى تولۇق كۆرسەتتى.

بۇنىڭدىن كېيىنلا، خىتاي مىللەتچىلىكى قوزغىلىپ، ۋېن جياباۋغا كەش ئېتىپ 'جۇڭگونىڭ ئوبرازى'غا چېقىلغان چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك ئىپادىلەپ ئەسەبىيلىشىشكە باشلىدى. خىتايدا 258 مىليون ئادەمنىڭ ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى پائالىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان تور ساقچىلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، چەتئەللەردىكى دېموكراتىيىنى مەدھىيىلىگەن ئوبزورلارنى كېسىشكە، خىتايدىكى مۇستەبىتلىكنى پاش قىلغان كىشىلەرنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.