خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلان بۇيىچە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ساقچى ۋە پىدائىيلار دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق كۈچلەرنى تەشكىللەپ كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋېلىشى ئاخىرقى پۇرسەت
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ھازىر خەلق ئىچىدىكى ھېچقانداق بىر قوراللىق كۈچنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بولمىسىمۇ، ئەمما ھازىر يەنىلا تېررورچىلىق ھەرىكەتلەر بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت، دەپ قارىماقتا ۋە يەنىلا غەربىي شىمالدىكى ئىسلام رادىكاللىرى ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ پەرىزى ئۈچۈن ھېچقانداق دەلىل - ئىسپات كۆرسەتكىنى يوق.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرى ھازىر تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇچۇر توپلاشقا كىرىشكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر 'ئولىمپىكنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋېلىشى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئاخىرقى پۇرسەت.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا كۆزلىگەن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ
دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا كۆزلىگەن مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرىدا تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ
'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغىنى يوق، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىغا خىلمۇ - خىل چەكلىمە قويۇۋاتىدۇ. 'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ تەنھەرىكەت مۇخبىرى ستۋىننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر 21 مىڭ 500 نەپەر چەتئەل مۇخبىرى خىتايغا كىرىشكە ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولدى. بۇنىڭدىن باشقا تىزىمغا ئالدۇرماي كىرىدىغان ئون مىڭدەك مۇخبىر بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇلارنىڭ خەۋەر تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى چېگرىدا تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
مۇخبىر ستۋىننىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى پەقەت ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشىنى ۋە مۇسابىقىدە چېلىنغان چاۋاكلارنىلا خەۋەر قىلدۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن. ئەمما ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، خىتاي ھازىر چەتئەللەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەۋەر تارقىتىدىغان 2000 نەچچە يۈز ئاپتوموبىللىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشىدىن راھەتسىز بولۇۋاتسا كېرەك.
