خىتاي ئولىمپىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا نېمىنى ھېس قىلدۇردى؟
خىتاي ئولىمپىكى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كەلدى؟ دۇنياغا قانداق تەسىر قالدۇردى؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.02
خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى سىياسىيلاشتۇردى
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنى سىياسىيلاشتۇردى.
ئولىمپىك ئارقىلىق كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى خىتاي مىللەتچىلىكىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئارقىلىق ئۆزى بېسىۋالغان جايلاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنى باستۇرۇش ۋە دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن، خىتايدا گۇمران بولۇۋاتقان كوممۇنىزم ئىدىيىسىنى خىتاي مىللەتچىلىكىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ تېخى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكىنى، خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.
دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىنلەشلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى چۈشەندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دۇنيا بېيجىڭ ئولىمپىكى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.