خىتايدا ئىشلەنگەن " لىدا " ماركىلىق ئورۇقلاش دورىسىدىن ئىككى تۈرك ئۆلگەن

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەددىدىن تاشقىرى سېمىز كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سېمىزلىككە قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بېرىلماقتا، كىشىلەرنى ئورۇقلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل دورىلار ياسالماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭىم
2008-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ " ﻟﯩﺪﺍ " ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ " ﻟﯩﺪﺍ " ﻣﺎﺭﻛﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻗﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئورۇقلاش مەركەزلىرى ئېچىلماقتا، ئۆسۈملۈكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل ئورۇقلاش دورىلىرى ياسىلىپ سېتىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خىل دورىلارنىڭ كۆپى خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىكەن. يېقىندا خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان " لىدا" ماركىلىق ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشلەتكەن ئىككى تۈرك ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دورا تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن مەنى قىلىنغان ئىدى.

فارمالىفە شىركىتى تەرىپىدىن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بۇ دورا تارقىتىلغان پۈتۈن دورىخانىلاردىن يىغىۋېلىنغان ئىدى. 10-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيىدىكى تېلېۋىزىيە گېزىتلەردە `ئادەم ئۆلتۈرگەن دورا قايتا سېتىلىشقا باشلانغان` ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغاندىن كېيىن تۈركىيىدە سېتىلىشى مەنى قىلىنغان لىدا ماركىلىق دورا، قانۇنسىز ھالدا قايتىدىن سېتىلىشقا باشلىغان. بۇ دورىنى تۈركىيىگە ئىمپورت قىلغان فارمالىفە شىركىتى لىدانى تۈركىيىدە سېتىش ئۈچۈن قايتا رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان. ئەمما دۆلەت رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن بۇ دورا تور بەتلىرى ئارقىلىق قايتا سېتىلىشقا باشلانغان."

خەۋەردە لىدا دورىسى ھەققىدە تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى مەسئۇللىرىنىڭ ھۈررىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىغا يەر بېرىلگەن. باياناتتا بۇ ئورۇقلاش دورىسىنىڭ ئىچىدىن سالامەتلىككە زىيانلىق خىمىيىۋىي ماددا بايقالغاندىن كېيىن تۈركىيىدە سېتىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇ يەنە باياناتىدا بۇ دورىدىن ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن خەلقنى بۇ دورىنى ئالماسلىققا چاقىرغان.

ھۈررىيەت گېزىتىدىكى خەۋەردە لىدا ماركىلىق بۇ ئورۇقلاش دورىسىنى ئىشلىتىپ سالامەتلىكىنى بۇزۇۋالغان بىر قانچە كىشىنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن.

ئىشىل چاۋۇش ئىسىملىك بىر كىشى بۇ دورىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:"مەن لىدا دورىسىنى ئىچىشكە باشلىغاندىن كېيىنكى 3 كۈن ئىچىدە دورا ماڭا كۈچ قۇۋۋەت بەرگەندەك بولدى. كېيىن مېڭەم ۋە بەدەنلىرىم سىرقىراپ ماغدۇرسىزلىنىشقا، ئۆزۈمنى بەختسىز ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئاشقازىنىم تاماقلارنى ياخشى ھەزىم قىلمىغىلى تۇردى. لىدا ئورۇقلاش دورىسى قاتتىق ئۇسساتقان بولغاچقا داۋاملىق سۇ ئىچىپ بۆرەكلىرىم ئاغرىشقا باشلىدى. سالامەتلىكىم قاتتىق بۇزۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن دورىنى ئىچىشنى توختاتتىم. مەن چۈشىنەلمىگەن نەرسە، بۇ دورا نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاللا بۇرۇن مەنئى قىلىنغان ئىكەن، نېمىشقا تۈركىيىدە بالدۇرراق مەنى قىلىنمىدى."
 
مەرت ئاقالىن ئىسىملىك بىر كىشى بۇ دورىنىڭ ئۆزىگە قىلغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىككى ھەپتىدە 5 كىلوگرام ئورۇقلىدىم. بۇ دورىنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇيقۇم كەلمەيدىغان، يۈرىكىم ئاسان سېلىپ كېتىدىغان، تېرىككەك بولۇپ قالدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئىچىۋەردىم، تاكى پۇتبول مۇسابىقىسىغا چۈشكىچە. ئادەتتە يۈگۈرسەم ئاسان ھارمايتىم، بىر كۈنى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاپ 15 مىنۇت بولغاندا، ھاسىراپ يۈگۈرەلمىدىم. دېمەك بۇ دورىنىڭ يامان تەسىرى بولدى."
 
بۇ دورا ھەققىدە، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر دوختۇرلىرى بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت