خىتاي پاكىستان بىلەن تېررورىزمغا قارشى كېلىشىم تۈزىدى

پاكىستاندا چىقىدىغان ئېكىسپرىس گېزىتىنىڭ 12‏ - ئاينىڭ 15 ‏ - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئالاقىدار 6 ‏ - قېتىملىق مۇزاكىرە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قانچە تۈردە كېلىشىم قىلغان.

پاكىستاندا چىقىدىغان داۋىن گېزىتىنىڭ 12‏ - ئاينىڭ 16 ‏ - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر 2002 ‏ - يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا ئالاقىدار كېلىشىم تۈزۈشنىڭ 6 ‏ - قېتىملىق يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن.

بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا پاكىستانغا ۋاكالىتەن گېنېرال تارىق مەجىد باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر، خىتايغا ۋاكالىتەن گېنېرال چىن بىڭدﯤ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر قاتناشقان. ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى رايونلۇق ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. يىغىن ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى، تېررورلۇققا، زوراۋانلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش، مىلىتانلارغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق بىر قانچە تۈردە كېلىشىم قىلىشقان.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ گېنېرالى چىن بىڭدﯤ سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا پاكىستان بىلەن بىرگە بولىمىز شۇنداقلا پاكىستاننىڭ تېررورلۇق قۇربانلىرىنى ئەسلەيمىز.

خىتاي تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قولغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي ئىلگىرىكى بىر قانچە يىلدىن بېرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ پاكىستاندىن ئۇلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 2003 ‏ - يىلى ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەمەت توختى، ئابدۇلۋاھاب ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئورگىنى ISI مەخپىي ھالدا تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

خىتاي ئۇلارنى سوتقا تارتىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، مىللى بۆلگۈنچى دېگەنگە ئوخشاش تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، مەمەت توختىنى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئابدۇلۋاھاب توختىنى 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ھازىر خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدە قىيىن ‏ - قىستاق ئىچىدە ياشىماقتا. پاكىستان ھازىرمۇ خىتايغا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ بېرىشنى داۋام قىلماقتا.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى پاكىستاندا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغان شۇنداقلا پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان شەخسلەردىن بىرى.