ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى مۇناسىۋەتلەر» ژۇرنىلىنىڭ 11،-12 قوشما سانىدا، خىتايدىكى جەمئىيەت ئەھۋالى ھەققىدە بىرمۇنچە سانلىق مەلۇماتلار بېسىلدى. ئۇنىڭدا، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمنى قوغلىشىپ، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتا سىستېمىسى بارغانسېرى ناچارلاپ كېتىۋاتقان توغرىسىدىكى پاكىتلار بايان قىلىنىپ، بۇ، خىتايدىكى ھازىرقى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسىتىلدى.
«تاشقى مۇناسىۋەتلەر» ژۇرنىلىنىڭ خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 1980-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، ئىقتىسادىي كىرىم ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10% ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايدا 400 مىليوندىن 500 مىليونغا قەدەر ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۆمرى 5 يىل ئۇزاردى 68 (ياشتىن 73 ياشقا كۆتۈرۈلدى)، گەرچە خىتاي ھازىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۆمرى 7 دىن 14 يىلغىچە ئۇزارغان جەنۇبىي كورېيە، كولومبىيە، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخى كۆپ ئارقىدا بولسىمۇ.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خىتايدا ئىقتىسادىي كىرىم يىلمۇ-يىل ئۆسۈۋاتقان، شۇنچە كۆپ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر يەنىلا دۇنيا بويىچە ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىك ئەڭ كۆپ دۆلەت خىتاي. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي ھازىر ئەيدىز، تۇبېركۇليوز، ئۆسۈملۈك باكتېرىيىسى ياكى كېسەللىك مىكروبى خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر تەھدىتى ئاستىدا قالغان ئەڭ چوڭ دۆلەت. خىتايدا ھازىر 3 ئادەمنىڭ بىرى ب تىپلىق يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلى مىكروبى بىلەن يۇقۇملانغان.
يۇقۇمسىز كېسەللىكلەرمۇ خىتايدا ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان. ئەنگلىيىدىكى بىر مېدىتسىنا ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى يۇقۇمسىز كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان ئادەم نىسبىتىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى. خىتايدا ھازىر كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ 80% ئى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، نەپەس يوللىرى كېسەللىكى ياكى راك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر يەنە قەنت كېسىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. ھازىر خىتايدا 20 ياشتىن يۇقىرى ئادەملەرنىڭ 10% تىن ئارتۇقى ئاللىقاچان قەنت كېسىلىگە گىرىپتار. بېيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا نوپۇسنىڭ 17% ئى، يەنى 113 مىليون ئادەم پسىخولوگىيىلىك كېسەللىككە گىرىپتار. بۇنىڭدىن ھەر يىلى 280 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللايدۇ. بۇ مەسىلىدە، خىتايدا نوپۇسنىڭ ئىچىدە قىرىۋاتقانلارنىڭ تېز كۆپۈشىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، گەرچە خىتايدا ھازىر 94% ئادەم داۋالاش سۇغۇرتىسى كاپالىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەم زەھەرلىك سۈت پاراشوكى دېگەندەك خەتەرلىك يېمەكلىكلەر پەيدا قىلغان يېڭى بىمارلار ناھايىتى كۆپ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلىغىچە بىمارلارنىڭ سانى 70% كۆپىيىدۇ. دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالىنىدىغان بىمارلار 43% كۆپىيىدۇ. كېسەل تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۆچىرەت كۈتىدىغان 37% كۆپىيىدۇ. خىتايدا بازار باھاسى ئۆرلەشكە ئەگىشىپ 2010-يىلىدا داۋالاش چىقىمى 24% ئۆرلىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھازىر خىتاينىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى گۇمران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالدى.
خىتايدا گەرچە ئىقتىسادىي كىرىم يىلمۇ-يىل ئۆسۈۋاتقان، شۇنچە كۆپ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان، قىسقىسى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىر يەنىلا دۇنيا بويىچە ھەرخىل كېسەللىك ئەڭ كۆپ، پۇقرالىرىنىڭ قېرىش نىسبىتى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان دۆلەت دەپ كۆرسىتىپ، خىتايدىكى ھازىرقى مۇقىمسىزلىققا سەۋەبچى بولۇۋاتقان مۇشۇ مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان مەزكۇر ماقالىدا كۆرسىتىلگەن پاكىتلارنى، گەرچە ھېچكىم رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ماقالىدىكى بەزى تەسۋىرلەرنى، يەنى ھازىرقى خىتاينى خۇددى شەرقىي ئاسىيادىكى كېسەل ئادەمگە ئوخشاپ قالدى، خۇددى زومۇ-زور يۈگۈرۈۋاتقان بەدىنى ئاجىز ئادەمگە ئوخشاپ قالدى دېگەن تەسۋىرلەرنى، تەرجىمانلار خىتايچىغا تەرجىمە قىلغاندا، كونا سەزگۈر ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ «شەرقىي ئاسىيادىكى كېسەل كۆرپىسى» دەپ تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتايدا بىر قىسىم ئادەم بۇ سەزگۈر سۆز دىن خاپا بولۇپ، ھەتتا ناچار سۆزلەرنى قوللىنىپ غەزەپ ئىپادىلەيدىغان ئەھۋال يۈز بەردى، ئۇلارغا رەددىيە بەرگەنلەردىنمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ناچار سۆز قوللانغان ئادەملەر كېلىپ چىقتى.