خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتلىرى خەلقئارالىق جېدەللەرگە سەۋەبچى بولماقتا

يېقىندا رۇسىيىنىڭ «كومسومولسكايا پراۋدا» گېزىتىدە «يېڭى خىتاي پاسپورتلىرى خەلقئارا جېدەلنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئاپتورى زاخار رادوف خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتا قالغان بارلىق زېمىنلارنى «ئۆزىنىڭكى قىلىۋالغانلىقى» نىڭ قوشنا مەملىكەتلەردە نارازىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ كونا پاسپورتى(سولدا) ۋە يېڭى پاسپورتى. 2012-يىلى 14-ماي، نەنتوڭ.
خىتاينىڭ كونا پاسپورتى(سولدا) ۋە يېڭى پاسپورتى. 2012-يىلى 14-ماي، نەنتوڭ.
Imaginechina

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پاسپورتنىڭ يۇقىرىدىكى سول تەرىپىدە بېسىلغان قارتا بويىچە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بارلىق ئاراللار ۋە باشقىلار خىتاينىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاراللارغا خىتايدىن تاشقىرى يەنە فىلىپپىن، ۋيېتنام، تەيۋەن، برۇنېي، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارمۇ دەۋا قىلماقتا.

ماقالىدا شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ھىندىستاننىڭمۇ نارازى بولغانلىقى ئېيتىلغان. پاسپورتتا خىتاينىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن رايونلار ئىچىدە ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ۋە ئاقسايچىن شتاتلىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ز.رادوف ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا دېھلى شەھىرىدە پاسپورتلارغا يېڭى تامغىلارنى بېسىپ، ئۇلاردا مەزكۇر ئاراللارنىڭ ھىندىستانغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى خەۋەرلىدى. ئۇ يېقىندا سايلانغان ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالمان خۇرشىدنىڭ مەزكۇر خىتاي پاسپورتلىرىنى «لايىقسىز» دەپ ئاتىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسايچىندىكى ھىندى زېمىنىغا تەئەللۇق 25 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرگە خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئارال جېدىلى بۇنىڭدىن توپ-توغرا 50 يىل ئىلگىرى باشلىنىپ، 1962-يىلى 20-ئۆكتەبىردە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ قوراللىق توقۇنۇشنى پەيدا قىلغان. رۇسىيىنىڭ «گېئوپولىتىكا» تور گېزىتىنىڭ 21-نويابىردا بېسىلغان «ھىندى-خىتاي ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 50 يىل» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئالېكساندىر لۇكىن بۇ جېدەلنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ماقالە ئاپتورى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونىدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك ھەم چېگرا جېدەللىرى تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغاقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى خىتاي ھىندىستاننى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغانلىقىدا ئەيىبلىگەن، ئەمدى ھىندىستان بولسا 1950-يىلى تىبەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا نارازى بولغان.

ماقالىدا بۇ ئۇرۇش جەريانىدا خىتاينىڭ ھىندىستانغا تەئەللۇق 14 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنى بېسىۋالغانلىقى، پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى بۇ ۋەزىيەتتە قوللىمىغانلىقى ھەم ئەنگلىيە ۋە ئا ق ش نىڭ ھىندىستانغا قورال يەتكۈزۈشى سەۋەبىدىن شۇ يىلنىڭ 21-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش قارارىغا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«ئەسلىدە، -دەپ يازىدۇ ماقالە ئاپتورى، -بۇ، خىتاي غالىبىيەت قازانغان بىردىن-بىر ئۇرۇش. خىتاي ئارمىيىسى تارىخ بويىچە ئىچكى قوزغىلاڭلارنى ۋە «ياۋايى چېگرا قەبىلىلىرى» نى بېسىشتىن باشقا 1962-يىلغىچىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ چوڭ غالىبىيەتلەر قازانمىغان ھەم ھېچ نەرسە بىلەن ئايرىمچە شۆھرەت قازانمىغان.» ئۇ ھازىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ھەمكارلىق كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئامما ھىندىستان خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى نىيەتلىرىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تولۇق بەت