ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھىسىنىڭ بىرىنچى رەسمىيىتىنى تاماملىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تۈنۈگۈن، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باستى. خىتاي بۇ لايىھىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھىسى 10‏-ئاينىڭ 3‏-كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، 19 غا قارشى 79 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنىڭ بىرىنچى رەسمىيىتى تاماملاندى. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە ئاق ساراي ئۈچۈنمۇ ئورتاق بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەممە قەدەم-باسقۇچلىرىنى ماقۇللاش، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈنلەي تاماملىنىشى مۇمكىن.

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسقان ھامان، خىتاي ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئەسەبىيلىك بىلەن قارشى تۇرۇپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ باياناتتا، خىتاي ئۆزى ئەزا بولۇپ كىرگەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان ئامېرىكا بىلەن سودىدا قىزىل رەقەم پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئامېرىكىدىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى باشلىقى دېموكراتچى خاررى رېيد ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەرمۇ ھەممىسى، خىتاي مەقسەتلىك ھالدا پۇلنىڭ ئابروتتىكى قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ، خىتاي ماللىرىنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان سالدى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىنى يوق قىلدى، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدىلا، ئامېرىكىدىكى 2 مىليون كىشىلىك خىزمەت پۇرسىتى خىتايغا ئېقىپ كەتتى، ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق داۋاملىشىۋەردى دەپ قارايدۇ. بۇ قېتىم ماقۇللانغان خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھىسى خىتايغا بېرىلگەن قاتتىق سىگنال. بۇنىڭ مەقسىتى ئامېرىكا ماللىرىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئامېرىكىدىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىن كېتىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ نيۇ-يورك شتاتىدىن سايلانغان دېموكراتچى ئەزاسسى چارلىسنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەت، بۇ سىياسەتتىن خىتاي ئۆزى مەنپەئەت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگىلى 10 يىل بولاي دېدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر خىتاي ئۆزى كىرگەن بۇ تەشكىلاتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي، بەلكى ئۇنى بۇزۇۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سودا شېرىكى بولغان ئامېرىكىغا زىيان سالدى. پەقەت ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شىتاتىدىنلا 160 مىڭ كىشىلىك خىزمەت پۇرسىتى خىتايغا ئېقىپ كەتتى.

ئاق ساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى كانېينىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈش قانۇن لايىھىسى ئاق ساراينىڭ كۆز قارىشىغىمۇ ئۇيغۇن. ئاق ساراي خىتاي پۇلىنىڭ ئابروتتىكى قىممىتى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ قارار لايىھىسى ئەمدى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانسا، ئاندىن ئۇنىڭ ئىككىنچى قەدەمدىكى رەسمىيىتى ئورۇنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن پرېزىدېنت ئىمزا قويسا قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10‏-ئاينىڭ 4‏-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنىڭ، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي پەيدا قىلغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي، بەلكى ئۇنى بۇرمىلاپ، ئەسەبىيلىك بىلەن قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا، ئەگەر ئامېرىكىدا بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودا ساھەسىدە ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ داۋراڭ سالدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپادىكى گۇچى، بالىسىياگا، بوتتېگا، ۋېنېتا قاتارلىق ئالىي زىبۇزىننەت بۇيۇم شىركەتلىرى 4‏-ئۆكتەبىر كۈنى، نيۇيوركتىكى ئامېرىكا سوتلىرىغا، خىتاي بانكىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى. بۇ شىركەتلەر سۇنغان ئەرزلەردە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىقىغا ۋە ئەتكەسچىلىككە قاتناشقانلىق جىنايەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان.