يېڭى ماقۇللانغان خىتاي «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ گۇماندارلارنى «مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدىكى ماددىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 8‏-ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن تەكلىپ لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

0:00 / 0:00

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن 2‏-نۇسخىسىنى ماقۇللىدى. خەلق قۇرۇلتىيى خىتاي دۆلەت كابىنېتى سۇنغان 1‏-قانۇن نۇسخىسىغا مەلۇم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق دۆلەت كابىنېتى سۇنغان 1‏-قانۇن نۇسخىسىنىڭ گۇماندارلارنى «مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدىكى ماددىسى ئاساسەن ئەينەن پېتى قوبۇل قىلىنىپ، ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن. ھالبۇكى، قانۇن نۇسخىسىنىڭ مەزكۇر ماددىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى سۇنغان قانۇن نۇسخىسىدا خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىغا «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق» قا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى نەزەربەند قىلىنغان شەخسلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئورنىنى ئائىلىسىگە مەلۇم قىلماسلىق ھوقۇقى بېرىلگەن. قانۇن نۇسخىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ تۈزۈش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىدىكى مەزكۇر ماددا خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاكتىپلىرىنى ئىلگىرىلەپ تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشتەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى «قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقى»، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن كۆچمەنلەر قانۇنى ئىشلىرى پائالىيەتچىسى ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى مەزكۇر قانۇن نۇسخىسىنىڭ بولۇپمۇ «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق» قا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان شەخسلەرنى «مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدىكى ماددىسى ئۇيغۇرلارنى پەۋقۇلئاددە بىئارام قىلىدىغان ھادىسە، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن نۇسخىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى «مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدىكى ماددىسىنى ئاقلاپ، ئاتالمىش بۇ خىل «جىنايەتلەر» نى گۇماندارلارنىڭ ئائىلىسى ياكى ئادۋوكاتىغا مەلۇم قىلسا، بۇنىڭ تەكشۈرۈشكە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خەلق قۇرۇلتىيى دۈشەنبە كۈنى ماقۇللىغان نۇسخىسىنىڭ مەزكۇر ماددىغا بىر ئاز تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق قاتارلىق ئېغىر جىنايى قىلمىشلاردا ئۇقتۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا ۋە ياكى ئۇقتۇرۇش قىلىنسا تەكشۈرۈشكە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار بولسا، گۇماندارنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرماسلىققا بولىدىغانلىقى، بىراق بۇنىڭ سىرتىدىكى ئەھۋاللاردا قولغا ئېلىش سەۋەبى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئورۇننى 24 سائەت ئىچىدە ئائىلىسىگە مەلۇم قىلىش» تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى قوللايدىغان خىتاي قانۇن سېپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن ئارقىلىق خىتاي ج خ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئادەم تۇتۇش، سولاش ۋە مەخپىي قاماش ھەرىكىتى ئىلگىرىلەپ قانۇنى رامكىغا سېلىنغان.

بىراق ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى، «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ دۈشەنبە كۈنى ماقۇللانغان مەزكۇر نۇسخىسى خىتاي قانۇنچىلىق ئىشلىرىدىكى بىر چېكىنىش، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن ماددىسى خەلقئارا ئورتاق ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇن نۇسخىسى سۇنغان مەزگىلى دەل خىتايدا «ياسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇ ۋاقىت يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەي ۋېيۋېي قاتارلىق بەزى ئۆكتىچىلەرنى قولغا ئېلىپ، ئىز-دېرەكسىز تۇتۇپ تۇرغان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلى ئىدى.

شۇڭا مەزكۇر قانۇن نۇسخىسىنى تەنقىد قىلغۇچى بەزى ئۆكتىچىلەر مەزكۇر قانۇن نۇسخىسىنى «ئەي ۋېيۋېي» قانۇن نۇسخىسى، دەپ ئاتاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئاتاقلىق پائالىيەتچى ۋە زامانىۋى سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېينى تۇتقۇن قىلىپ، 80 نەچچە كۈن قاماپ قويغان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئابلاجان لەيلى نامان بۇ خىل ئىز-دېرەكسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» غا ئالمان -تالمان تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىز-دېرەكسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇشى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى ئۇ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇننى باھانە قىلىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى يوشۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىش نارازىلىقنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىپ، مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن نۇسخىسىنىڭ گۇماندارلارنى «مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش» توغرىسىدىكى ماددىسىغا ناھايىتى ئاز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەزكۇر ماددىنى ئاساسەن ئەينەن پېتى ساقلاپ قالغان. بەزى ئانالىزچىلار، مەزكۇر قانۇن ماددىسىدىكى ئۇقتۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ۋە ياكى ئۇقتۇرۇش قىلىنسا تەكشۈرۈشكە تەسىىر يېتىدىغان ئەھۋاللار دېگەن شەرتنىڭ مۈجمەللىكى، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر شەرتنى سۈيئىىستىمال قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى مەخپىي تۇتقۇن قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۈتلۇقىنى ئاگاھلاندۇردى.