ئاتوم بومبىسى سوۋېت-خىتاي دوستلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىل (3)
2010.12.30

رۇسىيە تارىخچىسى ۋېكتور ئۇسوۋنىڭ موسكۋادا چىقىدىغان "ۋرېميا نوۋوستېي" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "خرۇشېۋ نېمە ئۈچۈن خىتايغا يادرو بومبىسىنى بەرمىدى؟ ئاتوم مەسىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇقىنى قانداق بۇزدى؟" سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا خرۇشېۋ-ماۋ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئاتوم بومبىسى ئامىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقىنى بىر قەدەر ئەتراپلىق يورۇتقان ئەسەردۇر.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، 1957-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن ئاتوم پىلانى بويىچە كېلىشىم تۈزۈپ، ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، سوۋېت ئالىملىرى خىتاينىڭ ئاتوم ساھەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
خرۇشېۋنىڭ ماۋنىڭ ئاتوم پىلانىنى باشتا قوللىماي، كېيىن قوللاپ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۇنىڭ كوممۇنىزم دۇنياسىدىكى رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى كۈچكە ئىگە قىلىشتا ماۋنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئىدى. ماۋ خرۇشېۋنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاتوم ساھەسىگە ياردەم بېرىش شەرتىنى قويغان. سوۋېت ئالىملىرى خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم رېئاكتور قازىنى قۇرۇپ بەرگەن ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەش بىلەن ئۇلارنى ئىسخىما ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.