خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى شارائىتىدىكى موسكۋا - بېيجىڭ ھەمكارلىقى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 28 - ئۆكتەبىر كۈنى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.29
Rusiye-xitay-Win-Putin-305.jpg 29 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﯞﯨﻦ ﺟﻴﺎﺑﺎﯞ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﺘﻪ.
AFP Photo

دۇنيا يۈزىدە پۇل - مۇئامىلە كىرىزىس ئېغىرلاشقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ۋېن جياباۋنىڭ موسكۋا زىيارىتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئىستراتېگىيىلىك شېرىك دۆلەت باش مىنىستىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا ئۇچۇپ كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشتى.

يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك ئۇچرىشىش

دۇنيا مىقياسىدا كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ، سودا - ئىقتىسادنى ياخشىلاش، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا - ئاسىيانىڭ 40 تىن ئارتۇق مەملىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدا ئىككى كۇن يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ موسكۋا ۋە ئاستانا سەپىرىنى باشلىدى.

28 - ئۆكتەبىر كۈنى ۋېن جياباۋ موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى كەسىپداشنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن دۆلەت باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك ئۇچرىشىش پىلانى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا - سانائەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت - مائارىپ، ئاۋىئاتسىيە، ئېنېرگىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ سۆھبەت جەريانىدا، نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، ئاشلىق مەسىلىسى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەت شارائىتىدا ،"جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە' دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە كېلەر يىلى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئىكەنلىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ "رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى" گە تېخىمۇ ئەمەل قىلىپ، "ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئىناق ئۆتۈش" ئىدىيىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

پۇتىن سودىدا دوللار ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان

خىتاي ۋە رۇسىيە رەسمىي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ، ئۆزارا مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىشكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم ئەركىن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ۋېن جياباۋ - ۋلادىمىر پۇتىن ئۇچرىشىشى ھەققىدە يەنە ھەر خىل ئۇچۇرلار ھەم ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىققان.

موسكۋادا چىقىدىغان "سودىگەرلەر" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، سۆھبەت جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئارىسىدىكى سودىدا ئامېرىكا دوللىرى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، رۇبلى ۋە يۈەن ( خەلق پۇلى) قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ۋېن جياباۋ بۇ مەسىلىدە قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىمىگەن. "خەۋەرلەر" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، پۇتىننىڭ تەشەببۇسى خىتاي تەرەپتىن قوبۇل قىلىنماسلىقى تەبىئىي. پۇتىننىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش كېلىشىمۇ تۈزۈش ئارقىلىق، خىتاينى ئۆزىنىڭ تاشقى سودىدا دوللاردىن ۋاز كېچىش پىلانىغا ماقۇل كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

 "مۇستەقىللىق" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى نەتىجىسىدە، رۇسىيە بىلەن خىتاي 12 كېلىشىم ۋە مېموراندۇم ئىمزالىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەردىن بىرى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا "سىبىرىيە - تىنچ ئوكيان نېفىت تۇرۇبىسى" ياتقۇزۇش ھەم نېفىت توشۇش پرىنسىپلىرى ھەققىدىكى كېلىشىمدۇر. چۈنكى، خىتاي پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە بىلەن ئۆزى ئارىسىدا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، رۇسىيە نېفىتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىشقا مۇھتاج ئىدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ سودىسى ئاشماقتا

ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودىدىمۇ ئىلگىرىلەش مەۋجۇت بولۇپ، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى دۆلەت سودىسى 40 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 50 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلۈشى قارار قىلىنغان. پۇتىن 2009 - يىلىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت سودىسىنىڭ 60 ھەتتا 80 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ پىلانى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش بولۇپ، خىتاي ئىزچىل تۈردە رۇسىيىنىڭ سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

رۇسىيە بىلەن خىتاي بىر - بىرىگە مۇھتاج

رۇسىيە بىلەن خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق دۆلەتلىرى بولۇپ، بۇ يىل 8 - ئايدا رۇسىيە - گرۇزىيە توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىپ قالغان.

غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئابخازىيە، جەنۇبىي ئاسسېتىيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشى، جۈملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلمەكتە.

بۇ قېتىم ۋېن جياباۋ بىلەن ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇچرىشىش ھەمدە ئاستانا يىغىنى رۇسىيە ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، خىتاي ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.