بۇلار ۋەزىپىسىنى مەيلى خالاپ، مەيلى خالىماي ئۆتىسۇن؛ ۋەزىپىسىنى مەيلى نورمال، مەيلى ئاشۇرۇپ ئورۇندىسۇن، يەنىلا خىتاي ساقچى باشلىقلىرى تەرىپىدىن نەپرەت كۆزى بىلەن قارالماقتا، كەمسىتىلمەكتە ۋە ھەتتا بەزىدە ھاقارەت قىلىنماقتا. يېقىندا يېڭىشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي جۈيجاڭنىڭ، خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ يېتەكچىسى ھاشىماخۇننى بىرقانچە ئەرزدار ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچ يۈز خاتىرە قىلماستىن ئېغزىنى بۇزۇپ تىللىشى، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ يۇقىرىقىدەك بىچارە ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن تۇرسۇن غوپۇر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرىقى سۆھبەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، خانئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ھاشىماخۇن، گەرچە بېيجىڭغا بېرىپ تۇرسۇن غوپۇر ۋە ئايگۈل توختى قاتارلىق ئەرزدارلارنى تۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە كەلگەندە ئەرزدارلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىمۇ بىللە كەلگەن بولغاچقا، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەيخخخ نىڭ قاتتىق غەزىپى كەلگەن. ھاشىماخۇننىڭ شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ، ئەرزدارلارنى ئۇرۇپ-سوقۇپ تۇتۇپ ئەكېلىشتەك «تۆھپىسى» گە خىتاي ساقچى باشلىقى ئازىراقمۇ يۈز خاتىرە قىلىپ قويمىغان. ئۇ ھاشىماخۇننى «يوقال» دەپ سىلكىگەندىن باشقا، ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىغان يەنى ھاشىماخۇنننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك كىشىسى-ئانىسىغا تىل تەگكۈزگەن. (خىتايچە «تامادى» دەپ تىللىغان). ھاشىماخۇننىڭ ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ كەپىسىنى ئۆرۈپ يىقىتىشتا، ئەرزدارلارنى ئۇرۇپ-باغلاپ ماشىنىغا بېسىشتا كۆرسەتكەن كۈچ-قۇدرەت ۋە جاسارىتى خىتاي ساقچى باشلىقى سەيخخخ نىڭ ھاقارەت ۋە دەپسەندە قىلىشى ئالدىدا كارغا كەلمىگەن. ھاشىماخۇن، ۋە بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان باشقا ھاشىماخۇنلار، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي باشلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، ئۆز قان-قېرىنداشلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق قاقشىتامدۇ ۋە ياكى ئۆز قان-قېرىنداشلىرىنى قاقشاتقانلارنىڭ يات مىللەتنىڭ ئالدىدىمۇ ئېتىبارى بولمايدىغانلىقىدەك ئاددىي بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەمدۇ؟ مانا بۇ، شۇ كۈنى ۋەقەگە شاھىت بولغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كەلگەن سوئاللار.
