خىتاي شەرقى دېڭىزنى ياپونىيە بىلەن ئورتاق ئېچىش پىلانىنى تۈزدى

خىتاينىڭ ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېي، تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقى دېڭىزنى ياپونىيە بىلەن ئورتاق ئېچىش پىلانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ۋۇ داۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

0:00 / 0:00

ۋۇداۋېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر پىلان شەرقى دېڭىزنى تېنچلىق، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش؛ ئىككى تەرەپ مەسىلە ئۈستىدىكى قانۇنىي مەيدانىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، شەرقى دېڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئورتاق ئېچىش ۋە ياپونىيە شىركەتلىرى "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن " چۈنشياۋ نېفىتلىكىنى ئېچىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ پرىنسىپنى ئاساس قىلغان.

" مەزكۇر پىلان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى "

خىتاي شەرقى دېڭىزدىكى چۈنشياۋ نېفىتلىكىنى 2005 ‏ - يىلى بايقىغان. بۇ نېفىتلىك خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە؛ ئەمما ئۇ ياپونىيە قىرغىقىغا يېقىن مۇساپىدە. ب د ت نىڭ ئالاقىدار دېڭىز ئىشلىرى قانۇنى بۇيىچە مەزكۇر نېفىتلىك ياپونىيە قىرغىقىدىن 370 مۇساپە ئارىلىقىدا بولغىنى ئۈچۈن ياپونىيە مەزكۇر نېفىتلىكتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

خىتاينىڭ شەرقى دېڭىزدىكى چۈنشياۋ نېفىتلىكىنى ئورتاق ئېچىش پىلانى نۆۋەتتە، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. نارازى بولغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر پىلان، خىتاينىڭ ياپونىيىگە بويۇن ئېگىشى، شەرقى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشتۇر. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ خىل قاراشنى ئىنكار قىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يۆنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە بېيجىڭدا بايان قىلىشىچە، ياپون شىركەتلىرىنىڭ خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن ئورتاق بولۇشى، خىتاينىڭ شەرقى دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدا تەۋرىنىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ياردەمچى مىنىستىر ۋۇ داۋېي بولسا، مەزكۇر پىلاننى، ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى بۇزماستىن، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرمەستىن مەسىلىلەرنى قەدەم ‏ - باسقۇچلۇق ھەل قىلىش دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

ۋۇ داۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى شۇنداقلا يەنە تارىخىي بىر ئۆزگىرىش. ۋۇ داۋېي بۇ سوزلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن ئىشارەت بەرگەن. ۋۇ داۋېي يەنە، بۇ پىلاننى خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۇتۇقى دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ئۆكتىچىلىرى بۇ پىلاننى ئۇتۇق دەپ ئەمەس، مەغلۇبىيەت دەپ قارىماقتا. بۇلارنىڭ قارىشىچە، چۈنشياۋ نېفىتلىكى مەسىلىسى، خىتاي ‏ - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى، رېئال ۋە مەنپەئەتلىك بىر مەسىلە. ئەگەر خىتاي بۇ رېئال مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىسا، شەرقى دېڭىزدىكى دياۋيۇ ئارىلىغا ئوخشاش تارىخىي مەسىلىنى ھەل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.

دياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى دىڭ شياۋپىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئامانەت قالدۇرغان

تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم خىتاي مىللەتچىلىرى، بېيجىڭدىكى ياپونىيە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. سانى 30غا يېقىن بولغان بۇ نامايىشچىلار، 100دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ نازارىتى ئاستىدا نارازىلىق بىلدۈرگەن. پەقەت بىر بايراق، بىر لوزۇنكا بىلەن نامايىش قىلغان بۇ كىشىلەر، " ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلىدىن چىقىپ كەتسۇن " دەپ شۇئار توۋلىغان.

دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ھەل بولماي كەلگەن مەسىلىدۇر. 1972 ‏ - يىلى خىتاي ‏ - ياپونىيە ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندا، سابىق باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي، دياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى پۇرسىتى پىشىپ يېتىلگەندە ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1978 ‏ - يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دوستلۇق - ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندا، دىڭ شياۋپىڭ مەسىلىنى كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا ئامانەت قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

" خۇ جىنتاۋنىڭ چۈنشياۋ نېفىتلىكىگە ياپونىيىنى شېرىك قىلىش پىلانى تەسلىمچىلىك "

خۇ جىنتاۋنىڭ چۈنشياۋ ئنېفىتلىكىگە ياپونىيىنى شېرىك قىلىش پىلانىنى خىتاي يازغۇچىسى خۇ پىڭ تەسلىمچىلىك دەپ ئەيىبلىمەكتە.

تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ چۈنشياۋ نېفىتلىكىدىن ئورتاق پايدىلىنىش پىلانىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلىشى راستىنلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي بىر ئۆزگىرىش ؛ ئەمما بۇ ئۆزگىرىشنىڭ رايوننىڭ تېنىچلىقىغا نىسبەتەن ئىجابىي ياكى سەلبىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكى ئېنىقسىز بىر مەسىلە.