ئامېرىكا: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى 2012-يىللىق تېررورلۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان تېررورلۇق ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلات يەرشارى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالى، تېررورلۇق تەشكىلاتلار، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى دۇچ كەلگەن رىقابەت، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئەھۋالى، دۇنيادىكى تېررورلۇقنى قوللايدىغان، تېررورلۇق ئۇگىسىغا ئايلىنىپ قالغان دۆلەتلەر ۋە تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلارنى مەركەز قىلىپ تەييارلانغان.

دوكلاتنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قىسمىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىق ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى ئۇششاق-چۈششەك ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان قىسمەن دائىرىدىكى ھەمكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلىغان يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا 2002-يىلى خىتاينىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلات، دەپ تونۇغان بولسىمۇ، بىراق بۇنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماسلىق ھەققىدە خىتاينى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2011-يىلى پاكىستان، بلۇرۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئۇنىڭ كۆپ ھاللاردا ئوخشىمىغان يوللۇق سىياسىي پىكىرلەر بىلەن ھۆكۈمەتنى قوراللىق ئاغدۇرۇپ تاشلاش تەرەپدارلىرىنى ئۆز-ئارا پەرقلەندۈرمەيدىغانلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتىكى باھانە قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى، تىنچ سىياسىي پائالىيىتى ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بەزى شەكىللىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت، دەپ خاراكتېرلەندۈرمەكتە، دېگەن.

مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا 20 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى جاكارلاشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى. «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىق يەرلىك خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كىشىلەر، ئىنتېرنېت ۋە رەقەملىك مىكرو ساقلىغۇچلارنى قوللىنىپ، تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتناشقان، دەپ ئەيىبلەنگەن. لېكىن دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ، زادى قانداق تېررورلۇق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىپ باقمىدى.

ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ھەرخىل ئېغىر جازالارغا مەھكۇم قىلىش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ۋە كۆزەتكۈچىلەردە شۈبھە قوزغاپ، خىتاينىڭ گېپىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سىياسەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى سكوت فىلىپس، تۈنۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: ئالدى بىلەن ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭدىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم. بىز بېيجىڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇق ھەققىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتەلمەيمىز. بۇ ئىسپاتلىنىشى، خەلقئارانىڭ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ گېپىنى ئىسپاتلىشىغا يول قويۇشى كېرەك، دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق ھەققىدىكى دوكلاتىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ 2011‏-يىلى يۈز بەرگەن ئىككى زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نۇقتىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنىپ، شۇ يىلى 18-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن خوتەندىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 4 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغانلىقىنى، 30-ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرىدىكى قەشقەردە يۈز بەرگەن بومبا ۋە پىچاقلىق ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلۈپ، 40 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن، خىتاي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، پەقەت خوتەن ۋە قەشقەردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان 4 كىشىنىڭ سوتلىنىپ، ئاشكارا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە ئىككى كىشىنىڭ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىشى ئالاھىدە ئەھۋاللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى 4 كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان ئىككى قېتىملىق دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشىدۇر. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 30-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭ زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بىلەن تىنچ سىياسىي، دىنىي پائالىيەتچىلەرنى پەرقلەندۈرمەي باستۇرۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىدىكى سكوت فىلىپس، بېيجىڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بېيجىڭنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەرىكەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئەسكەرتىپ: بېيجىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى بەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتتى. ئۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىدى. بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، ئۇلار قارشى تۇرماقچى بولغان رادىكاللىقنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ھەققىدىكى دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى دېلولاردا خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجى چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرى بىر قانچە دېلو ئۈستىدىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى، خىتاينىڭ ياردەم قىلىپ گۇماندارنىڭ ھەرىكىتىنى گۇمران قىلىشنى، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ئامېرىكا ياكى خىتايدا سوتلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى تەكرارلاپ، ئامېرىكىغا ھېچقانداق ياردەم قىلمىغان.