ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىدە ئوساما بىن لادېننى پاكىستاندا ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە، گەرچە خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ باسقان ھەم دۇنيانىڭ زور ئېقىمىغا قارىمۇ-قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بۇ ھەقتە ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمىغان ئىدى. ئەمدى بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭيۈ بۈگۈنكى باياناتىدا، «ئامېرىكىمۇ، خىتايمۇ تېررورىزمنىڭ قۇربانى، خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئوساما بىن لادېننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىر يېڭى يول بەلگىسى، خىتاي ئەمدى پاكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ» دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف بۇنىڭغا جاۋابەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تېررورىزمنىڭ قۇربانى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلەت تېررورىزىمىنىڭ قۇربانى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف باياناتىدا، «ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتى يەنىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىشىغا خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت» دەپ جاكارلىدى.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى سايبال داسگۇپتانىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، يىللاردىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى تېررورىزمغا قارشى كۈچلەر تۇتۇش ئۈچۈن ئىزچىل قوغلاپ ئاختۇرۇۋاتقان ئوساما بىن لادېننىڭ پاكىستاندا يوشۇرۇنۇپ تۇرغانلىقى تۈنۈگۈن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي بۈگۈنكى باياناتىدا، پاكىستاندا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولۇشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. خىتاي بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئوساما بىن لاندىننى يوشۇرغان پاكىستان زەردارى ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شىنشېننىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ يىللاردىن بۇيان ئوساما بىن لادېننى يوشۇرۇپ تۇرغانلىقى تۈپەيلىدىن، پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەمدى قانداق ئۆزگىرىش پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئەمدى پاكىستانغا قانداق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ھازىر خىتايمۇ، پاكىستانمۇ بىلمەيدۇ. ئەمما خىتايمۇ، پاكىستانمۇ ھازىر بۇنداق ئېغىر مەسىلە سەۋەبىدىن پاكىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈزۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇ ماقالىدە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن، پاكىستاندا ھەربىي تەلىم كۆرگەن تېررورچىلار ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغىغاندىمۇ پاكىستاننى ئەيىبلىمىگەن ئىدى. بۇ قېتىممۇ ئوساما بىن لادېننى يىللاردىن بۇيان يوشۇرۇپ تۇرغان پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمىدى. بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، خىتاينىڭ، ئامېرىكا ئوساما بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىدىن، بولۇپمۇ پاكىستان بىلەن شىنجاڭ چېگرىسىدا ۋەقە چىقىپ، ئۇرۇش ئوتى خىتايغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.