خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى مانېۋىرى بۈگۈنگە قەدەر ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقىسدا يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا توشۇشنى مەشق قىلغان. خىتاي ئارقا - ئارقىدىن تېررورلۇققا قارشى بايانات بېرىۋاتقان ۋە مانېۋىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ راستىنلا تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ياكى ئەمەسلىكى يەنىلا گۇمانلىق مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.
خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەندىشىسى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى قارشىلىق گۇرۇپپىلىرىدۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەركىنلىك كۈرىشىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تېررور تەھدىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ئاستىدا بولۇش ئېھتىمالغا يېقىن؛ چۈنكى خىتايدا نۆۋەتتە مىللىي زىددىيەتلەر تارىختىكى ئەڭ كەسكىن باسقۇچتا يەتتى. خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ باشلىقى رونالد نوبىل ئەپەندىنىڭ تۈنۈگۈن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى مەۋجۇت، ئەمما بۇ تەھدىت خەلقئارا تېررور تەھدىتى ئەمەس. نوبىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەندىشىسى، خەلقئارا تېررور ئەمەس، يەرلىك تېررور يەنى خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى قارشىلىق گۇرۇپپىلىرىدۇر.
خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي نۆۋەتتە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانى، ئولىمپىك ئارقا سەپ مەركىزى، ئايرودروم ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئائىلىلىكلەر بىناسى قاتارلىق ئورۇنلاردا نازارەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 200 ساقچى ئاپشاركىسى تەييارلىغان. 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ساقچى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.
ھەربىي چارە جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ۋاقىتلىق پەسەيتىشى مۇمكىن، ئەمما يىلتىزىنى قۇرۇتالمايدۇ
ئەگەر خىتايدا راستىنلا تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى مەۋجۇت دەپ قارالسا، خىتاينىڭ يۇقىرىقىدەك تەييارلىقلىرى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئالالىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سوئالغا تېررور مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ياق دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
تۈركىيىدىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سەدات لاچىنەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇقنى يوقىتىشنىڭ چارىسى تۆرت تۈرلۈك بولۇپ بۇلار، ئەسكىرىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مائارىپتىن ئىبارەت. بۇ 4 چارە تەڭ قوللىنىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇلاردىن بىرسى قوللىنىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارالسا نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئەسكىرىي چارە قوللىنىپ باشقا چارىلەر قوللىنىلمىسا، تېررورنىڭ يىلتىزى كېسىلىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇقى چېچىلغان بولىدۇ. تېررورلۇق مۇتەخەسسىسى سەدات لاچىنەر، "جەمئىيەت كېسەللىرىدىن بىرى تېررورلۇق " ناملىق ماقالىسىدە يۇقىرىقى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: " ھەربىي چارە، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسىغا ئوخشايدۇ، ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى پەقەت ئاغرىقنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، بىراق داۋالىمايدۇ. بۇ چارە جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى ۋاقىتلىق پەسەيتىشى مۇمكىن، ئەمما يىلتىزىنى قۇرۇتالمايدۇ."
سەدات لاچىنەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈك قورالى، ئۇ ئاز بەدەل تۆلەپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ بىردىن - بىر يولى؛ شۇڭا دۆلەتلەر جەمئىيىتىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگەتمىسە، ئۆكتىچى كۈچلەرنى تېررورلۇقتىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ.
10 يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 2005 - يىللىق دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى دۇنيادا سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش داۋاملىشىۋاتقان بىردىن - بىر رايون. 10 يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق. ئۇيغۇر رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مەمەت روزىنىڭ 2007 - يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بەش ئىچىدە 1013 قېتىم چوڭ - كىچىك سىياسىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن.
خىتاي 15 مىڭ كىشىگە قاماق ۋە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ھەر تۈرلۈك قاتتىق زەربە بېرىش، مانېۋىر قاتارلىق ئەسكىرىي تەدبىرىدىن باشقا، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي چارىلەر ھەققىدە ھېچقانداق شەپە يوق. بۇ ۋەزىيەت رايوننى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا، خىتاينىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلماقتا.
