' تەيۋەن جاسۇسلۇق ۋەقەسى' خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تەيۋەن جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي تۇيۇقسىز ئىجرا قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇ ۋەقە خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ 6 ‏ - دېكابىر كۈنى پولشادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن نازۇك ئەھۋالدا تۇرغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى ياۋروپا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى يەنە جىددىيلىشىپ كېتىشىدە تۆۋەندىكى 3 ۋەقەنىڭ ھەل قىلغۇچ رولى بار ئىدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىندا كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جياغا ساخاروۋ كىشىلىك ھوقۇقى مۇكاپاتى بەرگەنلىكى.

يەنە بىرى، يېقىندا فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن 6 ‏ - دېكابىر كۈنى پولشادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى. ‏3‏ - ۋەقە بولسا تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي تىببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى ۋۇ ۋېئىخەننىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي 28 ‏ - نويابىر كۈنى قەتلى قىلىنىشىدۇر.

ۋۇ ۋېيخەن، خىتايدىكى بىر تىببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ، 1990 - يىلدىن 1997 ‏ - يىلغا قەدەر ئاۋىستىرىيىدە ياشىغان، 2005 ‏ - يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەتئەلدىكى تەيۋەن ئاخبارات ئورگانى بىلەن ئالاقىسى بار گۇرۇھلارغا خىتاينىڭ ھەربىي ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ئىدى. خىتاي سوت مەھكىمىسى 2007 ‏ - يىلى 5 - ئايدا ۋۇ ۋېيخەنگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، ئالى سوت 2008 ‏ - يىلى 2 ‏ - ئايدا ۋۇ ۋېيخەننىڭ ھۆكۈمگە نارازى بولۇپ بەرگەن ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋستىرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋۇ ۋېيخەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى بېسىمىغا قارىماي، ئۆلۈم جازاسىنىڭ 28 ‏ - نويابىر كۈنى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىۋەرگەن. لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئاۋىسترىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ شىددەتلىك تەنقىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى ۋۇ ۋېيخەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئاقلاپ، بايانات ئېلان قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇ ۋېيخەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئاقلىغان شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى ئىنكاسىنى جوڭگۇنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا "قوپاللىق " بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىگەن. چىن گاڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تو بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھەققىدىكى تەنقىدىنى "قانۇننىڭ رولىنى كۆزگە ئىلماي جوڭگۇنىڭ ئەدلىيە ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقتۇر. بۇ جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش،" دەپ تەكىتلىگەن.

ۋۇ ۋېيخەن دېلوسى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان دېلولارنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى مەزكۇر دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلىدا كىشىنى گۇمانغا سالىدىغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقى ئىدى. ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئاۋىسترىيە تەۋەلىكىدىكى قىزى چېن رەن، دادىسىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئادالەتسىز ئىكەنلىكى، ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئەيىپنامىسىدىكى ئىقرارىنىڭ مەجبۇرى ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىسترىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر دېلوغا ئارىلىشىشىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دادىسىغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، ئاۋىسترىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلار مەزكۇر دېلونى تەكرار كۆرۈپ چىقىشنى، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئانالىزچى ئىلشات ئەپەندى ۋۇ ۋېيخەننىڭ سوتلىنىش جەريانىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي ۋۇ ۋېيخەنگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن. خىتاينىڭ ۋۇ ۋېيخەننى ياۋروپا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە قەتلى قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن " زىتلەشكەنلىك" دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەرىكىتى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىشەنچ روھىنى زېدە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى ئۆزلىرىنى بىئارام قىلغانلىقى، ۋۇ ۋېيخەننىڭ قولغا ئېلىنىش، سوتلىنىش جەريانى خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇ ۋېيخەن ئۆلتۈرۈلگەن شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ياۋروپا سۆھبەت ئۆمىكى ۋۇ ۋېيخەننىڭ قەتلە قىلىنغانلىقىنى ئۇقماي ئۇنى "ئۆلتۈرمەسلىك" توغرىسىدا خىتايلارغا كۆپ خىزمەت ئىشلىگەن. ئۇلار ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى پەقەت سۆھبەت ئاخىرلىشاي دېگەندە بىلگەن.

ئاۋىسترىيە "ۋۇ ۋېيخەن ۋەقەسى"دە خىتايغا ئەڭ شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ۋۇ ۋېيخەننىڭ ئۇزۇن يىللار ئاۋىستىرىيىدە ياشىغانلىقى، ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئاۋىسترىيە پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئاۋىسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇرسۇلا پلاسسنىك، "خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن كۈنى ۋۇ ۋېيخەننى ئۆلتۈرگەنلىكى خىتاينىڭ مەزكۇر دېلونى 'قوپاللىق ۋە ۋەھشىيلىك' بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى نامايەن قىلدى،" دېگەن.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋۇ ۋېيخەن قانۇنلارغا ئاساسەن جازالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "جۇڭگو بىر قانۇن دۆلىتى، ۋۇ ۋېيخەن بولسا جۇڭگو پۇقراسى، ئۇنىڭ جىنايى پاكىتى يېتەرلىك، جۇڭگو ئەدلىيە ئورگانى قانۇنلارغا ئاساسەن جازا بەردى،" دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر دىلو توغرىسىدىكى باياناتىنى "ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك"، دەپ ئەيىبلىگەن.

ۋۇ ۋېيخەننىڭ دېلوسى خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى بىر قاتار توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 10 ‏ - ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەيدىزلەر ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جياغا ساخاروۋ مۇكاپاتى بەرگەنلىكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈرگەن بولۇپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ياۋروپا پارلامېنتىنى تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچىنى مۇكاپاتلاش، جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەن، لېكىن كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى توقۇنۇش بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمىغان ئىدى.

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ پولشادا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. 12 ‏ - ئاينىڭ 6 ‏ - كۈنى، 1980 ‏ - يىللاردىكى پولشا ئىتتىپاق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەھبىرى، سابىق پولشا پرېزىدېنتى لىخ ۋالېسانىڭ نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلىنەتتى.

ۋالېسا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي پولشادىكى پائالىيەت جەريانىدا دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، خىتاي بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ ھەپتىدە ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنى بىكار قىلغان ئىدى.