HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(1)

0:00 / 0:00
xinda-xitay-tili-200.jpg
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ بىر تېمىغا ئېسىلغان تەشۋىقات تاختىسى. ئۈستىدىكى قۇردا "دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، پۇتۇنغۇئادا سۆزلىشەيلى" دېگەن سۆزلەر، ئاستىدىكى قۇردا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى نازارەتچىلىكىدە ياسالدى" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

يېقىندا خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى HSK يەنى خىتاي تىل سەۋىيىسى ئىمتىھان بېرىش پونكىتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، مەزكۇر رايون خىتاي بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان رايونغا ئايلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، HSK ئىمتىھاننى 1996 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان مەزكۇر رايوندىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى ھەسسىلەپ ئۆرلەشكە باشلىغان. مەسىلەن 1996 ‏- يىلى مەزكۇر رايوندىكى HSK ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى 1556 بولۇپ، 2005 ‏- يىلىغا بارغاندا، بۇ سان كۆپىيىپ 130 مىڭغا يەتكەن. ھازىر دۇنيادا HSK ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بىر مىليون 200 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنى يەنى 620 مىڭىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئىگىلىگەن.

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ خەۋىرىدە يەنە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە HSK ئىمتىھانى ئالى مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، "ھازىر شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي تىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. شۇڭا ھازىر ئۆز پەرزەتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ ئوقۇتىدىغان ئاتا‏ ‏- ئانىلار بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتىدۇ. بۇ يىل 6 ‏- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا، گەرچە قوبۇل قىلىش سانى 4 مىڭغا يېقىن بولسىمۇ، ئىمتىخان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى 31 مىڭغا يەتكەن" دېيىلگەن.

HSK ئىنتىھامىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشى مەجبۇرلىنىشتىن

ياپونىيىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىق پولات ئەپەندى ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭمۇ HSK ئىمتىھانىغا قاتناشقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى HSK ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار سانىنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي بىر خىل مەجبۇرلاش سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان دەپ كۆرسەتتى.

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقانداق ئالىي مەكتەپلەردە، مىللىي ئوقۇتقۇچىلار مىللى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز تىلىدا ئەمەس، بەلكى خىتايتىلىدە دەرس ئۆتىدىكەن. شۇڭا مىللىي ئوقۇتقۇچىلار مەيلى ئۇ كەسىپ جەھەتتە قانچە پۇختا ياكى بىلىملىك بولسۇن، ئەگەر خىتاي تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتەلمەيدىكەن، چوقۇم ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىكەن.

HSK تىن ئۆتەلمىگەنلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى

بىر قىسىم ئورتا ياشلىق خىتاي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن. مەسىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى خىتاي تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتەلمىگەنلىكتىن خىزمەتتىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئاچچىغىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغاپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئۇزۇن يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى پولات ئەپەندى مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ھەتتا چەتئەللەردە دوكتورلۇق ئۇنۋان ئېلىپ قايتقان ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىتاي تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەنلىكتىن خىزمەتتىن توختىتىپ قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر زىيالىسى پولات ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا HSK ئىمتىھانىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەتتا ئۇنۋان باھالاشتىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى سۆزلەپ بەردى.