خىتاي تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارادا چەكلەشكە ئۇچرىشى خىتاينى ئەنسىرەتمەكتە

مەتبۇئات خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خەلقئارادا خىتاي تاۋارلىرى ئۈستىدىن ئەرزلەر كۆپىيىپ، خىتاي ماللىرىغا بولغان چەكلەش سادالىرىنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلاردا ئىناۋىتىنىڭ بارغانچە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.

0:00 / 0:00

خىتاي 1992 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان، خىتاينىڭ تەننەرقى ئەرزان، ئەمما سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلاردا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى سەۋەبلىك، ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەردە خىتايدا ئىشلەنگەن ماللارغا نىسبەتەن چەكلەش خاھىشى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا سودا تەشكىلاتلىرىغا خىتاي ماللىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزلەرمۇ كۆپەيمەكتە ئىكەن.

بۈگۈن ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە، "

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا كۈرىشى قار دۆۋىسىدەك يوغىنىماقتا"Opens in new window ]

ناملىق ماقالا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدا ھازىرغىچە 130 دۆلەت ھەم شىركەتلەرنىڭ خىتاي ماللىرى ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغانلىقى ھەم خىتاي ماللىرىغا قارىتا باجنى كۆپەيتىش، خىتاي تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا يۇقىرى ئۆلچەملىك سۈپەت تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كۆپلەپ تۆكمە بولۇپ ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بۇ ماقالىسىدا، خىتاي ماللىرىغا قارىتا چەكلىمىنى كۈچەيتىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا، گېرمانىيە باشلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ھىندىستان، رۇسىيە، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئۆتكەن 15 ئاي ئىچىدە خىتاي ھەم ۋيېتنامدا ئىشلەنگەن ئاياق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان بولۇپ، ھىندىستان 6 ئايدىن بۇيان خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا بولغان چەكلىمىنى يولغا قويغان، رۇسىيە بولسا خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، خىتاي سودىگەرلىرىگە قارىتا چەكلەش تەدبىرىنىمۇ ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇلتۇر خىتاينىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سودا بازىرىنى بۇيرۇق بىلەن تاقىۋەتكەن.

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىي ۋەزىيەت 2009 - يىلى 9 - ئاي مەزگىلىدە ئەڭ كەسكىن ھالەتكە يەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن بالۇنلارغا قارىتا 35% باج ئېلىشنى يولغا قويماقچى بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توخۇ گۆشى مەھسۇلاتلىرى، ھايۋانات يېمەكلىكلىرى، پولات مەھسۇلاتلىرى سودىسى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن سۈنئىي تالالىق توقۇلما بۇيۇملارغا قاراتقان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار يېمەكلىكلىرى ۋە بۇيۇملىرىنى ئامېرىكا بازارلىرىدا چەكلىشى، ئاپتوموبىل بازىرىدىكى تۈرلۈك چەكلىمىلىكلەر، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي مۈلۈك داۋاسىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭىپ چىقىشى قاتارلىقلار نۆۋەتتە خەلقئارادىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چەكلىمىلەرنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ "2009 - يىللىق ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدىكى ھەمكارلىق ۋە سۈركىلىش" ناملىق خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە،خەلقئارادىكى خىتاي تاۋارلىرىغا قاراتقان چەكلەشتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، سودا ھەمكارلىقىدا 400 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا 2009 - يىلنىڭ ئۆزىدىلا خىتاينىڭ 14 تۈردىكى تاۋار مەھسۇلاتى ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەرز قىلىنغان تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى 5 مىليون 840 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى خىتاي ماللىرىغا بولغان ئەرزلەردىن 639% ئاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا چەكلىمىگە ئۇچرىشىغا قارىتا ئەنسىرەشكە ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاۋار مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەنمۇ چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا باشلىغان. خىتايمۇ ئامېرىكا ھەم رۇسىيىنىڭ پولات مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن كىنو، ئۇن - سىن بۇيۇملىرى، ناخشا پلاستىنكىلىرى، كىتاب - ژۇرنال قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چەكلىمىلەرنى كۈچەيتكەن.

بۇلاردىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە يەنە، خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ماركىلىرىغا قارىتا، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋار مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئارادىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ تاۋار ماركىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلان بېرىشتەك يېڭى ئۇسۇلنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر مەتبۇئاتلاردا كۆپىيىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، "خىتايدا ئىشلەنگەن، ئەمما دۇنيا ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلات" ناملىق تاۋار ئېلانىنىڭ، خىتاي ماللىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە تېلېۋىزورلاردا بېرىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشنىڭ خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق، سۈپىتى ناچار ماللىرىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمىنىڭ يەنىلا ناھايىتى تۆۋەنلىكى بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلاردىن، مەلۇم سودا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى چاننى يوھانسۇن ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىدا، خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ سودا ئېلانىغا قارىتا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئېلان قىلىشى ئەمەلىيەتتە، 'ئەگەر سەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سۈپىتى ناچار دەپ ئەيىبلىسەڭ، بۇ ناچار مەھسۇلاتلاردا باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ھەسسىسى بار' دېگەننى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!"

چاننى يوھانسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، داڭلىق ماركىلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.