تۈركىيە كۈلتۈر ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنئاي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا 2013 - يىلى ئىچىدە خىتايدا تۈرك كۈلتۈرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرىدىغانلىقىنى، بېيجىڭ باشلىق بەزى شەھەرلەردە يۇنۇس ئەمرە كۈلتۈر مەركىزى ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىز ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدىمۇ يۇنۇس ئەمرە كۈلتۈر مەركىزى ئېچىلىش ئېھتىمالى باركەن.
2013 - يىلىدىكى تۈرك كۈلتۈر يىلىنى ئويۇشتۇرغۇچى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش سېكرىتارى ئەرسىن قارائوغلان، تۈرك كۈلتۈر يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، دۇنيادىكى يۈكسىلىۋاتقان ئىقتىسادى كۈچلەردىن بىرى بولغان خىتاينىڭ 2013 - يىلىدا تۈركىيىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ كۆڭۈل بۆلۈشلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈركىيىنى خىتايدا تونۇتۇۋېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. قارائوغلاننىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياتانىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى تۈركىيە كۈلتۈر يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تۈركلەرنىڭ تارىخىي ئاسارە - ئەتىقىلىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.
تۈركىيە ئاچقان كۆرگەزمە خىتايلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان
دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە، نوپۇسى كۆپ بولغان خىتاينىڭ تۈركىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە. شۇڭا، خىتايدىكى تۈرك كۈلتۈر يىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. تۈركىيە تۈرك كۈلتۈر يىلىدىن كۈتكەنلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالارمۇ، تۈرك كۈلتۈر يىلىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىسى بولار، ئۈرۈمچىدە يۇنۇس ئەمرە كۈلتۈر مەركىزى ئېچىلارمۇ، دېگەندەك سوئاللارغا نىسبەتەن پىكىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئىسىتراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئېنىستىتۇتى خىتاي، تۈركىيە مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مېكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك كۈلتۈر يىلىنىڭ خىتايدا تۈركىيىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بەلگىلىك پايدىسى بولسىمۇ، سەلبىي تەسىرلىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيىنى تونۇشتۇرۇش كۆرگەزمىسىدە، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئورخۇن ئابىدىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئۈستىگە تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە خىتاينىڭ تۈركلەرنى قانداق ئالدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار يېزىلغان بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
0:00 / 0:00