د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى كوكسال توپتان باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك ھەيئەت 6 - ئاپرېلدىن 12 - ئاپرېلغىچە خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيىگە قايتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-04-16
Share
  تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك ھەيئەت خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيە قايتىشى بىلەنلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 14 - ئاپرىل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان ۋە پارلامېنت ئەزاسى سالمان كوتان خانىم ئۆزلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق ھەيئىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىز بۇ زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆپ ئىلگىرىلەش پەيدا بولغانلىقىنى بۇرۇن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ يېقىن كەلمىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۆز قېرىندىشىنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت