تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن.
تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان باشچىلىقىدىكى 6 كىشىلىك ھەيئەت خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيە قايتىشى بىلەنلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 14 - ئاپرىل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى كوكسال توپتان ۋە پارلامېنت ئەزاسى سالمان كوتان خانىم ئۆزلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
د ئۇ ق ھەيئىتى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بىز بۇ زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆپ ئىلگىرىلەش پەيدا بولغانلىقىنى بۇرۇن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ يېقىن كەلمىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۆز قېرىندىشىنىڭ مەسىلىسى دەپ قاراشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00