خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ۋە خىتايلارغا تۇتقان پەرقلىق سىياسىتى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.14
2009.08.14
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىن كەلگەن ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا تۇتقان بۇ خىل پەرقلىق سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ زور مىللىي توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدۇ دەپ قارىماقتا.
ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەدىكارلارغا قاراتقان كەڭچىلىك
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاي خەلق تورى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل پەسىللىك ئىشلەمچىلەرنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب، شىماللىرىدىكى بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا خىتايدىن كېلىۋاتقان ئاققۇن ئىشچىلار 500 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ يىللىق پەسىللىك ئىشلەمچىلەر سانى 360 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئىكەن، بۇنىڭ 200 مىڭى يەرلىك، 160 مىڭى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىشى مۇمكىن ئىكەن، پەقەت بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغىلا 140 مىڭ ئىشچى كەملىك قىلىدىكەن.خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاي ئىشلەمچى ھەم ساياھەتچىلەرگە بەلگىلىك تەھدىت كۆرسەتكەنلىكى بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي باشقۇرۇۋاتقان ساياھەتچىلىك ھەم ئىشلەمچىلەرگە مۇھتاج شىركەتلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.
شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن،خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان ئاققۇن ئىشچىلار ھەم ساياھەتچىلەرنى نىشان قىلغان تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش، قىزىقتۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
شىنخۇا تورىنىڭ 14 - ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ۋە ئۈرۈمچى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىلىرى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىكى ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى كەڭچىلىك سىياسىتى ھەتتا، ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس پويىز قاتنىشى ئاجرىتىش، تاماق ۋە يول چىقىملىرىنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈش، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق، كىملىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كىنىشكىسى، سۇغۇرتا ھەم بانكا ھېساباتى ئېچىش، بالىلىرىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشكە ئوخشاش ئىشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇيغۇرلارغا تارچىلىق
ھالبۇكى بەزى غەيرى رەسمىي ستاتىستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جەنوبىي رايونلاردىن ھاياتلىق يولى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كىلىپ تۇرۇپ قالغان "ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق. تىرىكچىلىك يولى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن بۇ ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ، مۇقىم ئىش ئورنى يوق، ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئاققۇنلارغا قاراتقان ئىجتىمائى پاراۋانلىقىدىن، سالامەتلىك سۇغورتىسىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ، مەكتەپلەر قوبۇل قىلمىغىنى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتى يوق، پەقەت ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئېغىر جىسمانى ئەمگەك ئىمكانلىرى بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان ھېچقانداق ئورگان يوق، قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان ئورۇن يوق. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالمىش" قارا نوپۇس" ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ بارماقتا.خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىشىغا چەكلىمە قويۇشنى كۈچەيتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان ئىدى، بۇ ھەقتە دۈشەنبە كۈنى رادىئومىزدا خەۋەر قىلىنغىنىدەك، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا چىقارغان بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىدە، ئۆي ئىگىسىدىن ئىجارە بېرىلىدىغان ئۆيلەرنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش، شۈبھىلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىسا، ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى لى جى، خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا قىلغان سۆزىدىمۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن رايونلىرىدىن " ئېقىپ كەلگەنلەر " ئىكەنلىكىنى، بۇلارنى سوراق قىلىش ئۈچۈن جەنوبىي رايونلاردىن 100 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە تەپتىشنىڭ يۆتكەپ كىلىنگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى : خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۆمتۈرۈك ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە خىتاي ۋە ئۇيغۇرلارغا يولغا قويۇۋاتقان پەرقلىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ سىياسەتلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي كەمسىتىشنىڭ كۈچىيىشى، شەرقىي تۈركىستاندا يەنىمۇ چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كانادادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاققۇن خىتايلارغا قاراتقان ئېتىبار سىياسىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش، قامال قىلىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىقلار مەركەزلەشكەن شىمالىي رايوندىن يىراقلاشتۇرۇپ، بۇ جايلاردا خىتاي نوپۇسىنى زورايتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
14 - ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن تېلىۋىزىيە نۇتقىدىمۇ،"ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۈرۈمچى شەھەر ياقىلىرىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزىۋاتقان سەزگۈر رايون" دەپ تەكىتلىدى.
ئۈرۈمچىدىكى ياقا يۇرتلۇقلار بىر قەدەر كۆپ بولغان ئات بەيگە مەيدانى رايونىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن كېچىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوندىكى بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرى ھەم ئەرلىرىنى ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلغان. نۆۋەتتەئۈرۈمچى شەھەر بازارلىرىنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەر بىردىنلا ئازلاپ، يامانلىق تاغ، ئات بەيگىسى مەيدانى قاتارلىق ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەلىلەرنىڭ ئىلگىرىكى قاينام - تاشقىن ھاياتىدىن ئەسەر قالمىغان.