بېيجىڭنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تونۇشى
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.06.08
2010.06.08

www.oic-oci.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
يېقىندا "ۋال سترىت گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "بېيجىڭنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تونۇشى" ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئاپتور خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تونۇشى ھەققىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال دەل مۇشۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئالدى بىلەن 5 - ئىيۇل كۈنىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا رەسمىي رەقەملەر بويىچە 197 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق بېسىم سىياسىتى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، رايوندىكى مۇسۇلمان خەلق بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش بارلىققا كەلگەندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ : "ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ رايوندىكى زورىيىپ بېرىۋاتقان كۈچىگە باش ئەگدى، ئىسلامغا ئائىت مەسىلىلەردە ئۆزىنى چوڭ دۆلەت ھېسابلايدىغان ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى" دەپ كۆرسەتكەن.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ باھاسىغىمۇ يەر بەرگەن بولۇپ، ئۇ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ۋە ھەتتا كافكازىيىدىكى مەسىلىلەرگە ئوخشاش ئېتىبار بەرمىگەن بولسىمۇ، يېقىندىن بۇيان بەزى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئەلقائىدە قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ئابۇ ياھيا ئال لىبىنىڭ خىتايغا قارشى بەرگەن باياناتىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ماقالىدە ئاپتور، ئۇيغۇر دىيارىغا چېگرىداش بولغان غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ خىتاينى چىرماشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە دەرھال ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور بۇ ھەقتە يەنە، ئامېرىكا پاكىستاننىڭ كېلەچىكى، رايوندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ مەقسەتلىرى ۋە رايوندا قانداق بىر رول ئېلىش ئۈستىدە ئوچۇق - ئاشكارا مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئوي - پىكىرلىرىنى ئاشكارىلىماي، جىم تۇرۇۋېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىسلام دۇنياسىغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، زور قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى تۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىنى تەكىتلەپ: "ھالبۇكى، پەقەت ئۆز تېررىتورىيىسى ئىچىدىلا ئىسلام بىلەن مۇئامىلە قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان خىتاي، تېخىمۇ كەڭرى ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشى كېرەك،" دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور ماقالىدە، خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى قۇرۇلۇشلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى يارىتىۋاتقان مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بار، ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىلەلمىگەن خىتاي، قانداق قىلىپ بۇ پىلانلىرىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. ئىسلام دۇنياسى قۇدرەت تېپىۋاتقان خىتاينى ئەمدى تونۇشقا باشلىدى، بۇنىڭ خىتايغا قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ھازىرچە قېيىن."
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ : "خىتاي گەرچە بۇنى ئىككى پەرقلىق ئىش دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمان خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئىسلام دۇنياسىدەك بىر بازار ۋە ئۇنىڭدىكى مول ئېنېرگىيە بايلىقى خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇشى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنى، خىتاينىڭ 21 - ئەسىردىكى ئىسلام دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى، خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ياكى ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ،" دەپ كۆرسىتىدۇ.
بىز ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر بويىچە، تۈركىيىدىكى ئىلاھىيەتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنىڭ ئەسلىدە توغرا بىر كۆز قاراش ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ھازىرقى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى يەنە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن تىجارىي مەنپەئەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن سۆز قىلىشىنى كۈتۈشنىڭ ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.