تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پىلانى خوڭكوڭدا ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلدى

بۇ يىل 1 - ئايدا ئىش باشلىماقچى بولغان گۇاڭجۇ - خوڭكوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى پىلانى بىر ئايدىن بېرى خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئاممىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتا. خوڭكوڭ پارلامېنتى تۈنۈگۈن مەزكۇر پىلاننى ئاخىرقى قېتىم مۇزاكىرىگە قويغان. مۇزاكىرىدە پىلان تەستىقتىن ئۆتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.18

پارلامېنت سىرتىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئامما پارلامېنت زالىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن ئامما ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولغان.

گۇاڭجۇ بىلەن خوڭكوڭ ئارىسىدا قۇرۇلماقچى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پىلانى بىر ئايدىن بېرى خوڭكوڭ جەمئىيىتىدە غەۋغا پەيدا قىلماقتا. بولۇپمۇ مەزكۇر پىلان تۈزۈلۈش داۋامىدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە پىكرى ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، نارازىلىقلار بارغانسىرى كۈچەيمەكتە. مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن يارىلانغانلار چىققان.

ئەسلىدە گۇاڭجۇ - خوڭكوڭ ئارىسدا قۇرۇلماقچى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140 كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ 26 كىلومېتىرلىق قىسمى خوڭكوڭدا. ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا، خوڭكوڭلۇقلار 14 مىنۇىتتا شېنجىنغا، 48 مىنۇتتا گۇاڭجۇغا، 8 سائەتتە شاڭخەيگە، 10 سائەتتە بېيجىڭغا يېتىپ بارالايدۇ؛ يەنى سۈرئەت بىر ھەسسە تېزلىشىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، خوڭكوڭدىن خىتاينىڭ 9 شەھىرىگە بىۋاستە قاتناش ئىمكانى تۇغۇلىدۇ ۋە كۈنىگە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن خوڭكوڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئادەم قېتىم سانى 99 مىڭغا يېتىدۇ.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسىادىغا غايەت زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما بىر قىسىم خوڭكوڭلۇقلار ئۆزلىرىگە تۆمۈر يول ئارقىلىق كېلىدىغان پايدىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا ۋە پايدىدىن زىياننىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 35 مىليارد خوڭكوڭ پۇلى كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ يىل بولسا بۇ چىقىمنىڭ 66 مىليارد بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. قۇرۇلۇشنىڭ چىقىمىنىڭ زورلىقى، مەزكۇر پىلانغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن. ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش پىلانى سەۋەبىدىن ئۆيلىرى چېقىلماقچى بولغان ئاھالىلەرگە، رازى بولغىدەك تۆلەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، نارازىلىقنى پەسەيتەلمىگەن. ئۆتكەن ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى خوڭكوڭ پارلامېنتىنىڭ مالىيە كومىتېتى مەزكۇر خامچوتنى تەستىقلاش ئۈچۈن مۇزاكىرىگە ئولتۇرغان. بۇ كۈنى مەزكۇر پىلانغا قارشى تۇرغۇچىلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى خامچوتنى تەستىقلىماسلىققا چاقىرغان. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر خامچوت ھەققىدىكى يىغىن 3 قېتىم كېچىكتۇرۈلگەن.

بۇ جەرياندا مەزكۇر پىلان ۋە خامچوت ھەققىدە جەمئىي 60 قېتىم چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. ئاخىرقى قېتىمدا 17 - يانۋار كۈنى خامچوتنى تەستىقلاش خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغان. ئاۋازدا 25 كە قارشى 31 ئاۋاز بىلەن مەزكۇر خامچوت تەستىقتىن ئۆتكەن. ئەمما، تەستىق ئاۋازى ئاساسلىقى پارلامېنتتىكى بېيجىڭ تەرەپدارى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن. خوڭكوڭ خەلقى بىۋاستە سايلاپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرى پىلانغا رەت ئاۋاز بەرگەن.

يىغىننىڭ خۇلاسىسى نامايىشچىلارنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، نامايىشچىلار پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىرىپ، نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاندا، ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ نامايىشچىلارنى چېكىندۈرگەن. نامايىشچىلار بىر قىسىم بېيجىڭ تەرەپدارى پارلامېنت ئەزالىرىنى يېرىم كېچىگە قەدەر پارلامېنت بىناسىدا قورشىۋالغان. ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت باياناتچىسى سۆز قىلىپ: "بىز ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىمىز، بۇ خوڭكوڭنىڭ قىممەت قارىشى ، ئەمما خوڭكوڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز،" دېگەن.

بىراق قارشى پىكىردىكى پارلامېنت ئەزالىرى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە خوڭكوڭنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى يەنى بېيجىڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولنى تورلاشتۇرۇش پىلانىغا ئەگىشىشنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نۆۋەتتە خوڭكوڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دېموكراتىيە يېرىم دېموكراتىيە بولۇپ، خوڭكوڭ خەلقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 30 نەچچە %نىلا ئۆزلىرى سايلاپ چىقالايدۇ، قالغان 60%ئى ھەر قايسى كەسپىي ساھەلەرگە بېرىلگەن ۋە تەيىنلەنگەن ۋەكىللەر بولۇپ، بۇلار كۆپ ھاللاردا مەركىزى ھۆكۈمەتكە يېقىنلىقى بىلەن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

شەنبە كۈندىكى ۋەقەدىن كېيىن نامايىشچىلار، نارزىلىق ھەرىكىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىم خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن تۆمۈر يول پىلانىغا قارشى نارازىلىق، خوڭكوڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن چوڭ قۇرۇقلۇققا باغلىنىشىغا قارشى نارازىلىق بولۇپلا قالماستىن ئەينى ۋاقىتتا، سىياسىي جەھەتتىن بېيجىڭدىن ئۇزاق تۇرۇش تىرىشچانلىقى دەپ قارالماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.