خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى تىنچ ھەل قىلىش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە باغلىق

كېمە ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىك 9‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ تېخىمۇ ئۇلغايدى. ھازىرقى خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت، خۇددى1937‏ - يىلى ۋە 1945 ‏ - يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق ياپونىيە - خىتاي ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەگە، يەنى 1931‏ - يىلى 18‏ - سېنتەبىر يۈز بەرگەن "مانجۇرىيە ۋەقەسى" دىكى ۋەزىيەتكە ئوخشاپ قالدى.

0:00 / 0:00

ھازىر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆزى، خىتاي بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە بېرىلگەن بىر مۇھىم پۇرسەت، دەپ قارالماقتا.

خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىكنىڭ باشلىنىشى ۋە داۋامى مۇنداق بولغان ئىدى.

7‏ - سېنتەبىر، خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە "سېنكاكۇ" دەپ ئاتايدىغان بىر ئارالغا كېلىپ، ياپونىيىنىڭ دېڭىز مۇداپىئە چارلاش پاراخوتىغا ئىككى قېتىم سوقۇلغان. ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى ياپونىيىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە مۇداخىلە قىلدى، دەپ قولغا ئالدى.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، ياپونىيىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان بۇ ھەرىكىتىگە دىپلوماتىيە ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى قوللاندى. دەسلەپتە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى كەينى - كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم چاقىرتىپ كېلىپ، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغانلىقىغا قارىتا ياپونىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ تۇردى.

8‏ - سېنتەبىر، ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئەترىتى يەنە، ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي رايونىغا بېسىپ كىرگەن خىتاينىڭ شىندېيى 186 ۋە فېڭروڭ 106 بەلگىلىك ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى توسۇۋېلىپ، ئۇلاردىن جەرىمانە ئېلىپ قويۇپ بەردى.

11 - سېنتەبىر كۈنى ياپونىيىدىكى ناخا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى ‏19‏ - سېنتەبىر كۈنىگىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى.

شۇنىڭدىن كېيىن، تەيۋەن، خوڭكوڭلاردىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىپ، 'ئارال قوغدىغۇچىلار' دېگەن نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە داۋا قىلىپ تۇردى.

18 - سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەردى. خىتايلار بۇنداق نامايىشنى ھەتتا چەتئەللەردىكى نيۇ - يورك قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ ياپونىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بۇ نامايىشلارنىڭ ھەممىسىدە، خىتايلار ئوخشاشلا 'دياۋيۈداۋ ئارىلى خىتاينىڭ زېمىنى'، 'ياپونلار بۇ ئارالدىن چىقىپ كەتسۇن' دەپ شوئار توۋلىدى.

19 - سېنتەبىر كۈنى، خىتاي دىپلوماتىيە ۋاستىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلەتتى. خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەيدانغا چىقىپ ياپونىيىگە، خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش لازىم، ئەگەر بۇنداق قىلمىسا، كېلىپ چىققان ھەممە ئاقىۋەتكە ياپونىيە تەرەپ جاۋابكار بولىدۇ، دەپ دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ياپونىيىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىپادىلىگەن ئىنكاسى تېخىمۇ قاتتىق بولدى. خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى 19‏ - سېنتەبىرگىچە تۇتۇپ تۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق چىقارغان ياپونىيە سوت مەھكىمىسى يەنە، خىتاي كاپىتانىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى 10 كۈن ئۇزارتىش ھەققىدە بۇيرۇق چىقاردى.

بۈگۈن يەنى20 - سېنتەبىر ياپونىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى يەنە، ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدە تۇرۇپ قېلىش ۋە مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان 53 نەپەر خىتاينىڭ لاياقىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە چىقىرىلغان بىرىنچى قېتىملىق قارارىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىر دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى، تەيۋەن نەسىللىك لياڭفاڭ خانىم بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زېمىن مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى سېنكاكۇ ئارىلى ياپونىيىنىڭ زېمىنى، دەپ جاكارلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى قارىشىچە، خىتاي يىللاردىن بۇيان ياپونىيىنى 'بىر جۇڭگو دېگەن سىياسەت' كە تەلتۆكۈس بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن؛ شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قورال ياساش مەسىلىسىنى، خىتاي يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن؛ شەرقىي دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاشتا، خىتاينى ئاساس قىلىشقا رازى بولىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ مەقسىتىنى ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىماقتا.

كوممۇنىست خىتاينى ياقلايدىغان 'دوۋېي ئاگېنتلىقى' بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ھازىرقى خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەت، خۇددى 1931‏ - يىلى 18‏ - سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مانجۇرىيە ۋەقەسىدىكى ۋەزىيەتكە ئوخشاپ قالدى. بۇ ۋەقە 1937‏ - يىلىدىكى ۋە 1945 - يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق ياپونىيە - خىتاي ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ھازىرقى بۇ ۋەزىيەت، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەنە بىرخىل خىتاي - ياپونىيە ئۇرۇشى دەپ تەسۋىرلىدى.

سىنگاپور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بۈگۈنكى ئوبزورلىرىدا، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھازىر بۇ جىددىيلىكنى تىنچ ھەل قىلىشنىڭ ئۆزى، خىتاي بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە بېرىلگەن بىر مۇھىم پۇرسەت دەپ بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.