"بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمىسۇن"
خەۋەردە مۇنداق دېگەن:" چەتئەللەردىكى تىبەتلەر تىبەتكە ھۆرىيەت تەلەپ قىلىش ۋە خىتايلارنىڭ تىبەتتە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ كەلدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيىگە قىلغان نۆۋەتتىكى رەسمىي زىيارىتى مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ نامايىش قىلىشىغا يول ئاچتى. ياپونىيە پايتەختى توكيو شەھىرىدە مىڭلارچە تىبەتلەر بىلەن خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشچىلار تىبەتنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ۋە ' بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمىسۇن' دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان. يەنە بىر تەرەپتىن رەسمىي مەنبەلەر تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ خىتاي مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشكە يول ئالغانلىقىنى سۆزلىمەكتە."
تىبەتلەرنىڭ غەلىبىسى
يەنە شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان "ئوكاز " گېزىتىدە تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان نامايىشى ھەققىدە بىر ماقالا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دەپ يېزىلغان: " ياپونىيىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيىگە كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش تىبەتلەرنىڭ ھەر قايسى جايلاردا خىتايغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنىڭ بىرىدۇر. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىدە ئېزىلگەن تىبەتلەر مۇندىن بۇرۇنمۇ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى بىر قانچە قېتىم چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەر قېتىمدا قانلىق ھالدا باستۇرۇش بىلەن خۇلاسىلەنگەن ئىدى. مۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشمۇ قانلىق باستۇرۇش بىلەن ئاياغلاشقان بىلەن بۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلمەكتە. چۈنكى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن تىبەتلەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئېزىلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ زورلۇق - زومبۇلۇقلىرىنى خەلقى ئالەمگە بىلدۈرۈش ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ئىشىدا غەلىبە قىلغان بولدى. ياپونىيىدە خۇ جىنتاۋ زىيارىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نامايىشمۇ يۇقىرىقى نامايىشلارنىڭ بىرىدۇر. مۇندىن باشقا يەنە تىبەتلەر خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كۈنلەردە خىتايلارنى ھەقىقەتەن تار كوچىغا قىستاپ قويماقتا. مانا بۇ ھەقىقىي غەلىبە دېگەنلىك. تىبەتلەر كۆزلىگەن نۆۋەتتىكى پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولدى."
تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىقى مېۋە بەرمەكتە
گېزىتتە يەنە مۇنداق يېزىلغان: " ھەممىگە مەلۇمكى، خىتاي مەسئۇللىرىنى دالاي لاما ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە خىتاينىڭ ئولىمپىك مەسىلىسى ئىدى. غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان بېسىمىمۇ بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان. خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەتلەرگە ھەمكارلىشىپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى ۋە نامايىشلىرىنى بىللە ئېلىپ بارغانلىقى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن چوڭ ئىجابىيلىق ۋە تىبەتلەرگە ئالاھىدە بىر يار يۆلەك بولغانلىقتۇر. شۇنداقلا ھەر ئىككى خەلق ئۈچۈن غەلىبە دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ خۇددى تىبەتلەرگە ئوخشاش بىر قانچە قېتىم قانلىق باستۇرۇلغان ۋە مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى تارتقان خەلقتۇر. بۇ ئىككى خەلق بىر دىندا بولمىسىمۇ، مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى تارتىشتا تەقدىرداش بولغانلىقى ۋە ھەر ئىككىسى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئورتاق غايىدە بىرلەشكەنلىكتىن، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىجابىيلىقلار بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن. بۇنى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ دانالىقى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بىرلىك غەلىبە قىلىشنىڭ كاپالىتى دېيىلىدۇ."
