خىتاي ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىگە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم ئىشلەتكەن

يېقىندا نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بېرىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نورۋېگىيە بىلەن بولغان بەزى ئۇچرىشىشلارنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆز مەيدانىدىن ياندۇرالمىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.11.04
Nobel-Peace-Prize-Mukapat-Lyu-shawbo-2010-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2010‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻰ ﻟﻴﯘ ﺷﺎﯞﺑﻮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻣﯧﺪﺍﻟﻰ.
AFP Photo

نۆۋەتتە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ دىققەت نەزىرى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا مەركەزلەشكەن بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانىنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتىپ، ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن نوبېل كومىتېتى ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ نەتىجە ئالالمىغاندىن كېيىن، نىشانىنى ئەمدى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاراتقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى پىلانى مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمنى بايقۇت قىلىپ، چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە مۇھىم ئەربابلارنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشنى كۈچىنىڭ بارىچە چەكلىك دائىرىدە كونترول قىلىشتۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى ياۋروپا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە چەتئەل ئەلچىخانىلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوسلودىكى باش ئەلچىخانىسى ئوسلودىكى ھەر قايسى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، 10 ‏- دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئوسلودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن بۇ ھەقتىكى خەت تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ مەكتۇپىنى ئوقۇغان دىپلوماتلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ مەكتۇبىدا ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۇنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىش خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوسلودىكى ئەلچىخانىلارنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ليۇ شاۋبونى تەبرىكلىمەسلىك ۋە قوللىماسلىقنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن سەمەت ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈدىغان بىر مۇنبەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق مۇراسىمنى بايقۇت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ليۇ شاۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقلارنىڭ ھېچ قايسىسىغا قۇلاق سالمىغان، قۇلاق سالمايلا قالماي، ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن مۇكاپات تاپشۇرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىدى.

نۆۋەتتە، مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن كىمنىڭ تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. نوبېل كومىتېتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قەدەر مۇكاپات تاپشۇرۇۋالىدىغان سالاھىيەتلىك بىر ئادەم چىقمىسا، مۇكاپاتنى مۇۋاپىق كىشى چىقىپ تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە يەنە، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدىكى دىپلوماتلىرىنى سۆھبەتكە چاقىرىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىلىرىدىن 10 ‏- دېكابىردىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بەزى ياۋروپا ئەللىرى دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئەللەرنىڭ مۇراسىم مەسىلىسىدە خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. نوبېل كومىتېتىنىڭ كاتىپى گېئىر لۇندېستاد خىتاينىڭ ئوسلودىكى ياۋروپا ئەلچىخانىلىرىغا ئەۋەتكەن خېتىغا باھا بېرىشنى رەت قىلىپ، لېكىن ئەلچىخانىلارنىڭ ئوسلو شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا قاتنىشىش - قاتناشماسلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نوبېل كومىتېتى ئوسلودىكى ھەر قايسى دۆلەت باش ئەلچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق مېھمانغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئوسلودىكى خىتاي باش ئەلچىسى تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەيلا تەكلىپنامىنى قايتۇرۇۋەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەكلىپنامە ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. سەمەت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكىگە بۇنچىلىك قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق نوبېل كومىتېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش يېتەكچىلەرگە مۇكاپات بېرىشىدىن ساقلىنىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

بەزى ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل كومىتېتىغا كۆرسەتكەن رېئاكسىيىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىنكاس بەزىدە ئەكسىچە رول ئوينايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. دېگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان پەيتتە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ليۇ شاۋبوغا مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان ئالىسون دېس فورگېس مۇكاپاتى بەرگەن. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى چارشەنبە كۈنى نيۇ يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن جوڭگۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تورىنىڭ مەسئۇللىرىدىن رېنې شيا تاپشۇرۇۋالدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىدە مۇشۇ 2-3 كۈندىن بېرى دۇچ كەلگەن بېسىم بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيتتى. خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رۇد چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدە خىتاي دائىرىلىرىنى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى بىر -ئىككى كۈن ئىچىدە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيانى نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن كېيىن، ليۇ شيا خىتاي مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، جۈملىدىن 89 ‏- يىلدىكى تيەنەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەتنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان.

لېكىن، يەنە بەزى ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ياۋروپا دىپلوماتلىرىدىن نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان ۋاقتى بەزى ياۋروپا دۆلەتلەرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا - ئىقتىسادى كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ سەپىرىدە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي بىلەن يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىش كېلىشمى ئىمزالىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ يولىنى قىلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.