خىتاينىڭ ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتلىشىش ئالامەتلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.16
2008.10.16
تەتقىقاتچى Goldman Sachs نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا كۆپ ساندىكى شەھەرلەردە ئالدىنقى 9 ئايدا سېتىلغان ئۆي - ئىمارەت سانى %46؛ 9 - ئايدا بولسا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %64 تۆۋەنلىگەن. ئۆي باھاسى %4 تۆۋەنلىگەن. پەقەت خىتاينىڭ شېنجېن، شاڭخەي ۋە خاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمىگەن ياكى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن.
ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتچىلىق ئالامەتلىرى خىتاينىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا شەھەرلىرىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك يۈز بەرگەن. خىتاي ئىقتىسادشۇناس Lu zhengweiنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا كىچىك ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى ئاساسلىق ئۆي - مۈلۈك بېجىدىن كىرىدۇ. شۇڭا ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتچىلىق ئالامەتلىرى مەزكۇر شەھەر دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوي بازىرىدىكى كاساتچىلىقنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن؛ ئۆي سودىسىدىكى رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش، رەسمىيەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، ھەتتا ھۆكۈمەت ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىش ياكى قەرز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق چارە - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئوي - ئىمارەت خېرىدارلىرىغا ئىلھام بېرىپ باققان. ئەمما ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. مەسىلەن شاڭخەيدە تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا، ھۆكۈمەت 200 مىڭ يۈەن قەرز بېرىپ تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئۆي باھاسىنىڭ يېرىم پىرسەنتىگە باراۋەر نەق پۇل ياردەم بەرگەن. شۇنداقتىمۇ ئوي بازىرىدا سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۆرۈلمىگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن Huang xiaochin ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى دېڭىزدىن بىر تامچە دەپ تەسۋىرلىگەن. يەنى ئۆي باھاسى %10 چۈشكەن نەنجىڭدا يېرىم % لىك ياردەمنىڭ ھېچنېمىگە دالدا بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شاڭخەيدىكى يىجۇ ئۆي - مۈلۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى Hui jianqiang، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا نەق پۇل ياردەم بېرىشى بىر تەرەپتىن ئۆي بازىرىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا خېرىدارلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا؛ پەقەتلا ئۆي سېتىۋېلىش قۇدرىتى بولمىغان پۇقرالاردا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ياردەم تۈزۈمىگە نارازىلىق قوزغىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى Lu zhengwei ئۆي بازىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىدىكى ئوي بازىرى كاساتچىلىقىدىن كۆرۈپ يەتتۇقكى، ئۆي - مۈلۈك سودىسىدىكى كاساتچىلىقنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى پۇل - مۇئامىلە ۋە ئېكىسپورت - ئىمپورت كاساتچىلىقىغا قارىغاندا ئېغىر ۋە ئۇزۇن مەزگىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيىلىك مۇتەخەسسىس Rossi Vanessa بولسا، ئەگەر ئامېرىكىدەك ئۆي بازىرىدىكى كاساتچىلىق خىتايدا يۈز بەرسە خىتاينىڭ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتايدا مىللىي دارامەتنىڭ %10نى ئۆي - مۈلۈك ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى چېكىنىشكە دىققەت قىلىۋاتقانلار يالغۇز تىجارەت دۇنياسى ئەمەس، بەلكى يەنە خىتايدا سىياسى ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشىنى كۈتۈۋاتقان ۋە ھەرىكەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. چۈنكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى يىقىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغان كرىزىسلار ئېتىقاد كرىزىسى، ئېتنىك كرىزىس ۋە ياكى ئىجتىمائىي كرىزىس بولۇشى مۇمكىن.









