خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق بولۇپمۇ، غەربىي رايونلاردىكى نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنى ئاز تۇغۇش ۋە بىرنىلا تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكچى ئىكەن.
كۆپ تۇغقاننى جازالاش ئورنىغا ئاز تۇغقاننى مۇكاپاتلاش
خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دۆلەت تۈپ سىياسىتى قىلىپ بېكىتىپ يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە،مەزكۇر سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەنلەرنى جەرىمانە قويۇش ۋە باشقا يوللار بىلەن جازالاش يولىنى تۇتقان بولسا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ سىياسىتىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپ " ئاز تۇغۇپ تېز بېيىش" دېگەن شوئار ئاستىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاز تۇغقانلارنى مۇكاپاتلاش يولى ئارقىلىق، نامرات رايونلاردىكى پۇقرالارنى بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئاز تۇغقانلارنى مۇكاپاتلاشنى 2004 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇپ، پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا كۆنگەنلەرگە 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بىر قېتىملىق مۇكاپات تارقاتقاندىن باشقا، 2006 - يىلىدىن باشلاپ يەنە يېزىلاردا بىر پەرزەنتلىك ياكى ئىككى قىز پەرزەنتىلا بار بولغان ئاتا - ئانىلارغا، 60 ياشقا توشقاندىن باشلاپ ھەر ئايدا ھەر بىرىگە 50 يۈەندىن پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى تارقىتىشنى يولغا قويغان ئىدى.
خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېلەر يىلىدىن باشلاپ يەنى 2009 - يىلى يانۋاردىن باشلاپ بۇ خىل ئايدا بېرىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات سوممىسىنى ئايدا 60 يۈەندىن، يىلدا 720 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقنى بېكىتكەن بولۇپ، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى بۇنىڭ ئۈچۈن كېلەر تۆت يىلدا تۆت مىليارد 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىدىكەن.
ئاساسىي تىزگىنلەش نىشانى يەنىلا جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئاجراتقان بۇ زور مەبلىغى ئاساسەن نامرات يېزا ۋە غەربىي رايوندىكى نوپۇسنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى جايلاردا بۇ خىل مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئاز تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئاكتىپ يوللار بىلەن يەنىمۇ تېز يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلدى، جۈملىدىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنى "بىر پەرزەنتلىك بولۇش شەرەپنامىسى"، "پىلانلىق تۇغۇت شەرەپنامىسى "، "پىلانلىق تۇغۇت قوش شەرەپنامىسى" دېگەندەك شەرەپلەر بىلەن مۇكاپاتلاپ ئۇيغۇرلارنىمۇ بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا كۆندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللاندى.
بۇلتۇر 7 - ئايدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا ۋاڭ لېچۇەن يەنىلا ئۇيغۇر ئىلى نوپۇسىنى كونترول قىلىش، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى كۆرسەتكەندىن ئېتىبارەن، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇ دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىنتايىن ئاكتىپ ۋاسىتىلەر بىلەن كۈچەيتىلگەن.
خىتاينىڭ ستاتىستىكىسى بۇيىچە بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 5 مىليون 923 مىڭ بولۇپ ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %31.8 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ ۋىلايەتنىڭ بەزىلىرىدە ئۇيغۇر نوپۇسى %90 تىن ئاشىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ جايلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى پىلاندىن يۇقىرى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ %44 نى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تۇغۇت كونترول قىلىش ۋاستىلىرى تەرەققى قىلدۇرۇلدى
2007 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتكەندىن باشلاپ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە پىلانلىق تۇغۇت شەرىپىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز تۇغقانلارنى ياكى بىرلا پەرزەنتلىك بولغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تۇرمۇش ھەم خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش، تۈرلۈك ئىمتىياز - مەنپەئەتلەردىن بەھرىمان قىلىش بىلەن تەڭ، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنى كۆپەيتىش، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغانلارنى پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش، ھەم پىلانلىق تۇغۇت ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەخسۇس مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا - كەنتلەردە، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپ قىلمىشلارنى دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، يۆتكىلىشچان پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەخانىلىرى ئارقىلىق دېھقانلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارماي تۇرۇپمۇ تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىش قاتارلىق تېز ۋاستىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇمكى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلغۇچىلار مۇكاپاتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە مەزكۇر سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ئەكسىچە روھىي جەھەتتىن كەمسىتىش، تەنقىد ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جەرىمانىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، جىسمانىي جەھەتتىنمۇ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىلىرى داۋامىدا زور بەدەل تۆلەۋاتقان بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاتا - ئانىلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندە بولغاندىن باشقا پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىمۇ نوپۇسسىز، ئوقۇشسىز قالدۇرۇلۇپ نۇرغۇن رېجىم ئاستىدا ياشىماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىدى
قايسى جايدا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ياخشى نەتىجە بەرگەن بولسا، بۇ دەل شۇ جايدا ئەكسىچە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنىڭ شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر ئىلى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ،پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇنقى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى بۇيىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئايال بەشتىن - ئالتىگە قەدەر بالا تۇغقان بولسا، 2004 - يىلىغا كەلگەندە ھەر ئانىغا توغرا كەلگەن بالا 2 - 3 كە چۈشۈپ قالغان. دېمەك بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن ھەر ئايالنىڭ ئۈچ بالىنى ئاز تۇغقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلى ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنى كېمەيتىش، تۇغۇش يېشىنى كېچىكتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن " كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش، بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش " نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلماقتا.
