خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق نازارەت قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن 4 ‏- ئاۋغۇست ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان بۇ تەدبىرلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلەنگەن. لېكىن بۇ تەنقىدلەر خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىنلا ئەمەس، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجا شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ قايتقان قىرغىىزىستان تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر پۇقراسى رادىئومىزنىڭ بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرى تۇرسۇن ئىسلامغا ئۆزىنىڭ زىيارەت تەسىراتىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋىرىنى ئاڭلايسىلەر.