ئۇيغۇر ئېلىدە 'چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىش' ھەرىكىتى قوزغالدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل كىرىشى بىلەنلا " بېيجىڭ ئولىمپىك" بىخەتەرلىكى باھانىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى جىددىي تۈسكە ئېلىپ كىرىپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر بۇيىچە مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ئاساس قىلغان سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.11.06
qeshqer-puqraliri.jpg ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻣﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ.
RFA Photo

گەرچە ئولىمپىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىل سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە دولقۇنىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشىمىغان شوئارلار ئاستىدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

قىش پەسلىگە ئۇلاشقان سىياسىي بوران

ئۆتكەن ئايدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن،كادىرلار يىغىنىدا بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ كېلەر يىلى ئەتىيازغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا،سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە، "مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش" نى ئاساس قىلغان، ئۇزاق مۇددەتلىك قايتا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر ساھە كەسىپلەر بۇيىچە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مۇقىملىق كۆز قارىشىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلغان سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتى قايتا باشلانغان.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە قارىساق بۇ خىل قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تەڭلا باشلانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق سىياسىي ئىدېئولوگىيە بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتىگە " چوڭ ئۆگىنىپ،چوڭ تەھلىل قىلىش" دەپ نام بەرگەن ئىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 28 - ئۆكتەبىردىن 30 - ئۆكتەبىرگىچە، خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەر ساھە كەسپ، ناھىيە يېزا مەمۇرىي كادىرلىرى " چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىش" تەربىيىلەش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا نۆۋەتتە بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىش، ۋىلايەتنىڭ ھەر قاتلام،ھەر ساھەلىرىدە مەخسۇس ھۆججەتلەر ئارقىلىق جىددىي داۋام ئەتمەكتە ئىكەن.

بۇ قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىدا ھەر ساھە كىشىلىرى خىتاي 17 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش، ئىسلاھات،‏ئېچىۋېتىلگەن 30 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇپ يېتىش، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە مۇستەھكەم سىياسىي ئىدىيە بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش قارىشىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا سىياسىي ئۆگىنىش ھەمدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشتەك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ھەر قايسى جايلاردا بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىش ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

يېزا، بازار‏ - كەنتلەردىكى تەشۋىقات ئاۋازى شاۋقۇنى

مەزكۇر " چوڭ ئۆگىنىپ،چوڭ تەھلىل قىلىش" بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، جايلاردا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار مەخسۇس بۇ ھەقتە سەييارە دوكلات بېرىشكە ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشۋىقات ئەترىتى ھەتتا يېزا ‏ - كەنتلەردە مەھەللە ئارىلاپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىق تەربىيىسى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە قايتا تەربىيىلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالغاندىن باشقا يەنە، ھەتتا يېزا، بازا ‏ - كەنتلەردىكى رادىئو ئۇزېللىرىنى ئاكتىپ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن ئىكەن.

بۇ ھەقتە شىنجاڭ تىنچلىق تورىدىكى بىر خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدىن تارتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ مەخسۇس ئاۋازلىق ئۈن ئالغۇ لېنتىسى تەييارلىغان بولۇپ، تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرى بۇ ئاۋازلىق تەربىيە تەشۋىقاتلىرىنى،ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ يەتتە يېزا - كەنت ‏ بازارلىرىدا ئارىلاپ يۈرۈپ كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كەنت رادىئو ئۇزېللىرىمۇ ھەر سەھەر بەشتىن باشلاپ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتىنى باشلايدىغان بولۇپ، كۈن ئولتۇرغىچە داۋاملىشىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر جايلاردا دېھقانلارمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم ئومۇمىي سىياسىي ئۆگىنىشكە ئويۇشتۇرۇلغان، ھەر بىر ئائىلىگە يېزا، كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرى چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىش ماتېرىياللىرىنى تارقاتقان.

ئۇيغۇر يېزا، كەنتلىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى نامدا قايتا باشلىغان بۇ سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ قانداق داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ مەلۇم كەنت رادىئو ئۇزېلىغا تېلېفون قىلدۇق، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال، بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ ناھايىتى تەمتىرەپ قىسقىلا جاۋاب قىلدى:

بىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان بولساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

مەقسەت ئۇيغۇرلارنى بىكار قويماسلىق، باشقىنى ئويلاشقا پۇرسەت بەرمەسلىك

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى تۈرلۈك ناملار بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئولىمپىك باھانىسىدە، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەردە 4 - ئاۋغۇست ھەم 12 - ئاۋغۇست ۋە يەنە كۇچادا ئارقا ‏ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، بۇ خىلدىكى سىياسىي تەربىيە يەنىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار يەنە روزا ھېيت ھارپىسىدىمۇ ئىنتايىن چوڭ سىياسىي ھەم دىنىي بېسىم ئاستىغا ئېلىنغان ھەم شۇندىن باشلاپ يەنىمۇ جىددىي ھالدا كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر سىياسىي تەربىيە ھەرىكىتىنى قايتا باشلىشى، دېھقانلارنىڭ قىش پەسلىدىكى ئارام ‏ - بىكارچىلىقىدا بىرەر ۋەقە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۇلارنى بىكار قويماسلىق، قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى پەيدا بولۇۋاتقان نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا "چوڭ ئۆگىنىپ، چوڭ تەھلىل قىلىش" خۇددى باشقا نام بېرىلگەن سىياسىي ئۆگىنىش ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاشلا، پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە تىبەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە بۇ خىل سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئېلىپ بېرىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.