خىتاي ھۆكۈمىتى سەبىيلەرگە خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتمەكتە
2006.07.28
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېچىلغان قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ راۋان ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي تىلى مائارىپىنى ئاساسىي مائارىپنىڭ ئاساسى بولغان باغچا مائارىپىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن باغچا مائارىپىغا يېتەرلىك ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنى ھەمدە بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا- كەنتلىرىگىچە كېڭەيتىشنى قارار قىلغان.
يېزىلاردا خىتايچە بالىلار باغچىلىرى
مائارىپ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت "باغچا مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى 2006 يىلىدىن -2010 يىلىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىلانلاپ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 430 مىليون يۈئەن مەبلەغ سالىدىكەن. شۇنداقلا نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە بەش - ئالتە ياشلىق يېزا بالىلىرىنىڭ 85% نىڭ قوش تىلدا تەربىيىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تىلى مائارىپىنى سەبىيلەرگە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن بۇ قارار بويىچە، نۆۋەتتە ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ھەمدە مائارىپ تارماقلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا - ناھىيىلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلماقتا ئىكەن.
خوتەن تورىدا 27 - ئىيۇل ئېلان قىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە يەتتە ناھىيە ھەمدە بىر شەھەردىكى بالىلار باغچىلىرىدا 9100 نەپەر ئۇيغۇر سەبىيلەر خىتاي تىلىدا تەربىيىلىنىۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىي 227 نەپەر خىتاي تىلى تەربىيىچىسى كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىنغان. 2010 – يىلىغىچە مەخسۇس خىتاي تىلى دەرس بېرىدىغان يەنە 1304 نەپەر باغچا ئوقۇتقۇچىسى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىنىدىكەن.
قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى ئۆزىدىلا 26 بالىلار باغچىسى بولۇپ كەنتلەرنىڭ 30% ئىدە خىتاي مائارىپى ئاساس قىلىنغان بالىلار باغچىسى قورۇلۇپ بولغان.
"خىتاي تىللىق بوغۇنلار" ؟
ئىلى خەۋەر تورىدا قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلى تەۋەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى سەبىيلەردىن باشلاش قارارىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوبلاست بويىچە "خىتاي تىلى بوغۇنلىرى" مۇسابىقىسىنى ئويۇشتۇرۇپ، خىتايدىن باشقا مىللەت سەبىيلەرنىڭ ئىچىدىن خىتايچىنى ئەڭ ياخشى سۆزلەيدىغان بالىلارنى تاللاپ چىقىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىلى ئوبلاستىدا 600 مىڭ بالا بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلماقتا.
مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلار خىتايچە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، خىتايچە سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىش، خىتايچە ئوقۇش، سۆزلەش، يېزىش ھەمدە باشقا تۈرلەر بۇيىچە مۇسابىقىگە چۈشۈپ خىتايچىنى ئەڭ ياخشى ئۆگەنگەن بالا بولۇشنى تالىشىدىكەن.
يەسلى بالىلىرىدىنمۇ خىتاي تىلىدىن ئىمتىھان ئالماقتا
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى سەبىيلەردىن باشلاش ھەرىكىتى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئاتا -ئانىلارمۇ خىتاي تىلى مائارىپى بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا ماسلىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئىكەن. قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن بىر ئۇيغۇر ئايال ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى ھازىر خىتايچە مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن خىتايچە يەسلىلەرگە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
زىيالىيلار: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاڭ جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلماقچى
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا قوش تىل مائارىپى نامىدا مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۈر سىياسىتىنى ھەتتا مەكتەپ يېشىغا توشمىغان سەبىيلەردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ھەمدە زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرماقتا. ئۇلار "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى، ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايچە تىل، خىتاي ئېڭىدا، خىتاي مەدەنىتىدە تەربىيلەشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى" دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويماقتا. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىلشۇناسلار قانداق قارايدۇ؟
- ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتىكى ھەققىقى سەۋەب نېمە؟
- HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(2)
- HSK ئىمتىھانى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا(1)
- "ئانا تىل بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ"
- قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلدى
- ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟(2)
- ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟(1)
- ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە پروگراممىسى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- تىلشۇناس تېمۇر خوجائوغلى ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە توختالدى
- ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(2)
- ئۇيغۇر مىللىتى ئاخىرقى نەپىسىنى ئېلىۋاتىدۇ(1)
- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر