خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان قارا تەنلىكلەردىن كېلىپ چىققان باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى پۈتۈن دۇنيادا ئېرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم ھوقۇقتا باراۋەر بولغان ئادىل جەمئىيەت قۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

يېقىندا، " گلوب ئاند مائىل " يەنى "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى گېففېرىي يورك خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ دېگەن سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ گېففېري يوركنىڭ بۇ ھەققىدىكى ماقالىسى ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.