بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي خەلقى خىتايدا ئىشلەنگەن ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتىدىن گۇمانلىنىدىكەن.
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى خالىمايدۇ
خىتايدا چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش بۇ يىل 21 - سېنتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ مەملىكەت بويىچە چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە باشلىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. خىتايدىن كېيىن، ئۆكتەبىر كىرىشى بىلەن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ كەينى -كەينىدىن مەملىكەت بويىچە چوشقا زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەشنى باشلىۋەتتى. دۇنيا مىقياسىدا چوشقا زۇكام تارقىلىپ 6 ئاي بولغان مۇشۇ پەيتتە، پۈتۈن دۇنيا بويىچە چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى شەكىللەندى.
ھالبۇكى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بەتلەردىن سوخۇ تور بېكىتىنىڭ ئېلىپ بارغان رايى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نوپۇس جەھەتتىن ئەڭ كۆپ بولغان خىتايدا ۋاكسىنا ئەملەش ئەڭ بۇرۇن باشلانغان بولسىمۇ، كۆپ ساندىكى خىتاي پۇقرالىرى چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى رەت قىلغان. خىتايدىكى سوخۇ تور بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلغان رايى سىناشقا قارىغاندا، خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدە چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى خالايدىغانلار 30% كىمۇ بارمايدىكەن. ۋاكسىنا ئەملەشنى رەت قىلغانلار 54% تىن ئاشىدىكەن، يەنە 15% تىن ئارتۇق كىشى ۋاكسىنا ئەملىمىسىمۇ سالامەتلىكى چوشقا زۇكامىغا قارشى تۇرالايدۇ دەپ ئىشىنىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئاخىرلاشقىچە بولغان ئارىلىقتا 65 مىليون كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەپ بولۇشنى پىلان قىلغان. بۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ 5% تىگە توغرا كېلىدۇ. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە خىتايدا پەقەت 300 مىڭ كىشى چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئەملىگەن.
ئۇلار خىتايدا ئىشلىگەن ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئىشەنمەيدۇ
خىتايدا چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى خالىمايدىكەن كىشىلەرنىڭ ۋاكسىنا ئەملەشكە رايى بارماسلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىل، ئۇلارنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ سۈپىتىگە ئىشەنمەسلىكى بولۇپ،ۋاكسىنا قىلىشنى خالىمايدىغانلارنىڭ 70% ى چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسىنىڭ سۈپىتى ھەم بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلىنىدىكەن. قالغانلىرى بولسا ۋاكسىنىنىڭ ئەكس تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە ب ب س نىڭ بېيجىڭدىكى 36 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىشىچە، خىتاينىڭ چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنىڭ شۇنچە تېز بولۇشى ئۇنىڭدا ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا زور گۇمان قوزغىغان. شۇڭا ئۇ 8 ياشلىق ئوغلىغا چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشتىن يالتايغان.
ئۇيغۇر ئېلىدا چوشقا زۇكام ھەققىدە ۋەقە ھەم ئۇچۇرلار
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا 25 - ئۆكتەبىر كۈنى چوشقا زۇكامى سەۋەبى بىلەن بىر كىشى ئۆلگەن.
ھازىرغىچە دوختۇرخانىلاردا يەنە 153 نەپەر چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرى ئايرىپ داۋالىنىۋاتقان بولۇپ. پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يەنى H1N1 ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى 1417 نەپەرگە يەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.
ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سېنتەبىرنىڭ بېشىدا يىڭنە سانجىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى، دەل شۇ جىددىي پەيتتە،ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مەكتەپتە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ چوشقا زۇكامى ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باھانە قىلىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلىگەنلىگىدەك بىر گۇمانلىق ۋەقە ئاشكارىلانغان ئىدى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىشى بىلەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ ئېنىقلىما مەلۇمات ئېلىشقا مۇمكىن بولمىدى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تېز ئارىدا جىددىي قامال قىلىش بىلەن تەڭ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا يىڭنە ھۇجۇمى قوزغىغانلىق خەۋىرىنى داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق جامائەتنىڭ دىققىتىنى بۇرىغان ئىدى.
خىتاي چوشقا زۇكام تارقىلىشىغا قارىتا يەنىمۇ جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەك
چوشقا زۇكام تارقىلىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا 33 مىڭ كىشىنىڭ چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى، مۇشۇ ئاينىڭ ئۆزىدىلا چوشقا زۇكامى يۇقتۇرۇۋالغانلىق سەۋەبى بىلەن تۆت كىشى ئۆلگەن. خىتايدىكى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىغاندا، ئەگەر خىتايدا چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش تېز ئارىلىقتا جىددىي ئېلىپ بېرىلمىغاندا، خىتايدا نەچچە يۈز مىليون ئادەم چوشقا زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن شۇنداقلا بۇ ۋىرۇس بىلەن ئۆلىدىغانلارمۇ كۆپىيىدۇ.
ئامېرىكا سەھىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى خۇ زۇڭيىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتايدا شەھەرلەرنىڭ نوپۇس زىچلىقى ئالاھىدە ئۈستۈن، مۇھىت شارائىتى ناچار، شۇڭا چوشقا زۇكامغا ئوخشاش ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشى تېخىمۇ زور رىقابەتكە ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە شۇنداق، شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى ئالدى بىلەن مەكتەپلەرنى بىر مەزگىللىك تاقىشى كېرەك. بولمىغاندا چوشقا زۇكامنىڭ يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشىنى توساپ قېلىش ئانچە مۇمكىن ئەمەس.
دۇنيادىكى مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، كۈز ۋە قىش پەسلىگە كىرگەن جايلاردا، ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسلىرى بىلەن تەڭ،چوشقا زۇكام ۋىرۇسى قايتا جانلىنىپ يەنە بىر يۇقىرى يۇقۇم باسقۇچى باشلانغان بولۇپ، كىشىلەر يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قولىنى سوپۇن بىلەن يۇيۇپ تۇرۇشى، ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشنى ئازايتىشى، ئۆزىدە قىزىشقا ئوخشاش زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرغا بېرىپ ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك، شۇنداقلا تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، كۆپ چېنىقىشى، ساغلام غىزالىنىشى ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.