خىتايدا ئىشلەنگەن "تاڭ پادىشاھلىقى" دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىنغان

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن "تاڭ پادىشاھلىقى" دېگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 15 ‏- قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرەب پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى تەرىپىدىن پادىشاھ تاڭ شۈئەنزوڭغا بىر رەسىم لەۋھەسى سوۋغا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ رەسىمدىكى سۈرەتنى ئەرەب پادىشاھىنىڭ ئەلچىلىرى تاڭ شۈئەنزوڭغا " بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتى" دەپ تونۇشتۇرغان.

0:00 / 0:00

ئۇ فىلىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتى دەپ تونۇشتۇرۇلغان رەسىمنىڭ بىر كۆزى قارىغۇ سىزىلغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئىنتېرنېت مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە نۇرغۇن شەخسلەر نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. فىلىمنىڭ 15 ‏- قىسمىدىكى 22 ‏ - مىنۇتلۇق يېرىدە ئۇ سۈرەت كۆرسىتىلگەن.

بۇ فىلىم خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا تارقىتىلغاندىن كېيىن، دۇنياغا مەشھۇر فىلىم تور بېتى

www.youtube.comOpens in new window ]

ۋە

http://www.diyarim.comOpens in new window ]

تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان.

دىيارىم تور بېتىنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدە بۇ فىلىمنى كۆرگەن ئىنتېرنېت زىيارەتچىلىرى پىكىرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان: بۇ بىر ئويدۇرمىچىلىق، ئەزەلدىن بولمىغان ئىشنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ خىتايلار ئۆزلىرىنى كۆز ‏- كۆز قىلغانلىق دەپ باھا بەرگەن. بەزى زىيارەتچىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ دۇنيادا سۈرىتى يوق، ھېچ كىم سىزالمايدۇ دەپ يازغان بولسا، بەزى تور زىيارەتچىلىرى ، باشقىلار بىزنى دەپسەندە قىلسىمۇ، ھاقارەت قىلسىمۇ دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ، سۈكۈت قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمىز، مەزلۇم بولۇپ قالدۇقمىكىن؟ بۇ، دىنىمىزغا قىلغان چوڭ ھاقارەت بۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ، دېگەندەك پىكىرلەرنى بايان قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ، ئەينى زاماندا قاغىلىقتا ئۆتكەن مەشھۇر دىنى ئالىم مەرھۇم ئابلىكىم مەخسۇمھاجىمدا ئوقۇغان، ھازىر ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىنى ئالىم ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلكەرىم كۇچار ئەپەندى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تارىخىدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمى سىزىلغانلىقى ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمىنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. بۇ خىتايلارنىڭ ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغان تارىخ، ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان چوڭ بىر ھاقارەت، بۇ فىلىمنى ئىشلىگەن خىتاي ياكى خىتاي شىركىتى بۇنىڭ جازاسىنى چوقۇم تارتىشى كېرەك."