خىتايدا كارخانىچى جىنايەتچىلەر سانى كۆپەيمەكتە

يېقىندا خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى بىر ئادۋوكات ، 2009 - يىلىدىكى كارخانىچى جىنايەتچىلەر ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتايدا 85 نەپەر كارخانىچى جىنايەت سادىر قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.07
Xitaydiki-karxanchi-jinayetchiler-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ.
ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ.

بۇ جىنايەت سادىر قىلغان كارخانىچىلارنىڭ ئىچىدە، مەملىكەتلىك ۋە ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى قاتارلىق يۇقىرى سىياسىي مەرتىۋىگە ئىگە كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى پارىخورلۇق ھەم ساختىپەزلىك بىلەن بېيىش يولىنى تاپقان ۋە ئاخىرىدا جىنايى جازاغا تارتىلغان. مەزكۇر دوكلات خىتايدا تۇنجى قېتىم خىتاي جەمىيىتىنىڭ ئەتىۋارلىق قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىغان.
 
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈلگەن 85 جىنايەتچىنىڭ 36 سى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىنىڭ خوجايىنلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي كومپارتىيسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىداتى ئەزاسى بولغان، چېن دوڭخائى ،سابىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى، چېن تېڭفېي، سابىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جاڭ چۇنجىئان قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان. قالغان 49 نەپەر جىنايەتچى، ئەسلىدە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى، ساختىپەزلىك، يەنى ساختا تاۋار ئىشلەش، يالغان توختام تۈزۈش، ئالدامچىلىق بىلەن پۇل توپلاش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان.

دوكلاتتا خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئىككى نۇقتا كۆرسىتىلگەن؛ بىرى خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى پارىخورلۇق، يەنە بىرى خىتاي جەمىيىتىدىكى ئومۇمى ئەخلاقى بۇزۇلۇش.

دوكلاتتا كارخانىچىلار ئارىسىدىكى 500 دىن ئارتۇق جىنايەتچىنىڭ قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغان ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كارخانىچىلىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئاساسلىق جايلاردىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدۇر. بۇ ئەھۋال رايوندىكى مىللىي سودا - كارخانىلارنىڭ ئىلگىرىيەلمەسلىكى ھەتتا ۋەيران بولۇشىغا سەۋەپ بولماقتا.

بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ئۇيغۇر، بۇ ۋەزىيەت توغرىىسىدا قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرا سودىسى يېڭى باشلانغاندا، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن ئورتاق تىل ئالاھىدىكى، ئەنئەنىۋى تىجارەت ئىقتىدارى بىلەن بازاردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي كارخانىچىلار، چېگرا ساقچىلىرى ۋە ئەمەلدارلار بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا بارازلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مال ئېكىسپورت قىلىش ۋە ئىمپورت قىلىشتا قانۇنىي رەسمىيەت بېجىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. خىتاي كارخانىچىلىرى بانكىدىن ئاسان پۇل قەرز ئېلىش، قولاي رەسمىيەت پۈتتۈرۈش ۋە چېگرا ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق غەيرىي ئەخلاقىي يوللار بىلەن، چېگرا بازارلىرىدىن ئۇيغۇر سودا - كارخانىچىلارنى سىقىپ چىقارغان. بازارلاردا ئۇيغۇرلارغا پەقەت ھامماللىق قىلىشتىن باشقا ئىش قالمىغان، كېيىن چاغلاردا ھامماللىقمۇ ئاشمىغان.

يۇقىرىدا دېيىلگەنلەر پەقەت بىر ساھەدىكى، يەنى چېگرا سودىسى ساھەسىدىكى ئەھۋالدۇر. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي سودا‏ - كارخانىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر كان قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يولسىزلىقلىرىنىڭ ئېنىقلىنىشى ھەم ھېسابلىنىپ بولۇشى مۈمكىنسىزدۇر.

2009 - يىللىق كارخانىچىلار ئارىسىدىكى جىنايەت دوكلاتىدا، سابىق ئىلى سۈت پارشوكى زاۋۇتىنىڭ خوجايىنىنىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Jan 10, 2010 10:17 PM

ﯪﻻ ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﺎﻻ ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺷﯘ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻠﯩﻦ.ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯘ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﺘﯩﻨﻰ ﺩﯙﺭﯗﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻨﯔ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ