خىتايدا خەلق ھازىر چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان كوممۇنىست پارتىيە بىلەن قارشىلاشماقتا

بېيجىڭدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ، چەتئەللەردىمۇ 'تېخىمۇ چوڭ سىياسى ئەركىنلىك بولۇش كېرەك' دېگەن سادا ياڭراۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.03.09
Xitay-erizdarlar-beijingda-305 ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﯨﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﯘﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ئىككى چوڭ يىغىندا سىياسىي ئەركىنلىكنى يولغا قويىدىغان دېموكراتىك تۈزۈمنى رەت قىلدى.

جەمئىيەتتىكى قارشىلىق

ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا، خەلق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ بېيجىڭگە كېلىپ ئىككى چوڭ يىغىنغا ئەرز ئېيتماقىچى بولغان ئەرزىيەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە بولغان ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى ھەرخىل شەكىل بىلەن ئىپادىلىدى.

ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلغان ھامان خىتايدا يانفون ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىش ھەرىكىتى قوزغالغان ئىدى. ب ب سنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلق ئىچىدىن يانفونلار ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن تۇنجى ئاۋاز ' كوممۇنىست پارتىيە ھەممە ھوقۇقنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك' دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزىيەتچىلەر ئۆتكەن جۈمە كۈنى، توپلانماي ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى يېزىلغان ئىككى مىڭ پارچە يازما ماتېرىيالنى تارقاتقان ئىدى. بۈگۈن يەنە تيەنەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدىكى ۋاڭفۇجىڭ كوچىسىدا ئالتە مىڭ پارچە شىكايەت ۋارىقى تارقاتتى. ئۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا 'بىزنىڭ مەقسىتىمىز خەلقئارانىڭ قوللىشىغا كۆپرەك ئېرىشىش' دېگەن.

بۈگۈن كەچتە لياۋنىڭدىن ۋە شاڭخەيدىن كەلگەن ئەرزىيەتچىلەر ئايرىم - ئايرىم كېلىپ تيەنەنمېن مەيدانىدا توپلانماقچى بولغاندا كوممۇنىست ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تۇتۇپ كېتىلگەن. تۈنۈگۈن شاڭخەيدىن كەلگەن ئايال ئەرزىيەتچىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ توپلىنىپ، ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، خىتايدا ئاياللارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغاندا، كوممۇنىست ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن، ئۇلاردىن بىر قانچە ئايال تۇتۇپ كېتىلگەن.
 
بۈگۈن بېيجىڭدىكى ' ئەرزىيەت مەھەللسى' دەپ ئاتالغان ماجاياۋ دىن كەلگەن 60 نەچچە ئەرزىيەتچى، جامائەت خەۋپسىلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئادالەتسىز دېلولارنى ئاشكارىلىماقچى بولغاندا، كوممۇنىست ساقچىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن ۋە ئۇلاردىن 8 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن.

خوڭكوڭدىكى خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوللاش تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى' ھەققىدىكى يەكۈنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتايلارنىڭ چەتئەللەردىكى دېموكراتىيە بىرلىكى تەشكىلاتى تۈنۈگۈندىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ تىبەتنى ئىشغال قىلغانلىقىغا قارىتا تىبەت خەلقنى قوزغىغان قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش لازىم' دەپ جاكارلىدى. ئەمما ئىككى چوڭ يىغىندا بولسا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، خەلق ۋەكىلى دەپ ئاتالغان كىشىلەردىن خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسلىرى سۆز قىلىپ، تىبەت بىلەن شىنجاڭدا 'بۇيىل مۇقىملىقنى ساقلاش بۇرۇنقى ھەر قانداق يىلدىكىدىن قېيىن بولۇۋاتقالىقى'نى كۆرسىتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم قوللىنىشنى رەت قىلدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەيىنلىگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋۇ باڭگو بۈگۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ چوڭ يىغىندا 'دۆلىتىمىزدە خىتايچە سوتسىيالىزمنىڭ رەھبەرلىك يادروسى كوممۇنىست پارتىيە، بىز بۇنىڭدىن تەۋرەنمەيمىز، ھەرگىزمۇ غەرب دۆلەتلىرىدىكىدەك كۆپ پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتىدىغان، ئىككى پالاتا قۇرۇدىغان ۋە ھوقۇقنى ئۈچكە بۆلىدىغان تۈزۈم قوللانمايمىز' دەپ جاكارلىدى.

ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن قارشىلىق

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋۇباڭگو خىتايدا دېموكراتىك تۈزۈم قوللىنىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزى دەرھال ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە تور ئەھلىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.  'خەلق تورى' نىڭ 'دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش' ناملىق مۇنازىرە بېتىدە بىر تورداش پىكىر قالدۇرۇپ 'خەلق ۋەكىلى دېگەنلەر ئەگەر خەلق سايلاپ چىققان ۋەكىل بولسا، ئۇلار چوقۇم خەلق تەرەپتە تۇرۇشى كېرەك' دېدى.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى چەت تىللار نەشرىياتىنىڭ 'خىتاي تورى مۇنازىرە مۇنبىرى' دە پىكىر قالدۇرغان تورداشلار 'غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە يولغا قويۇلىۋاتقان ھوقۇقنى ئۈچكە بۆلۈش تۈزۈمى ئىلغار تۈزۈم، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دەل ئۆزىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىنىڭ گۇمران بولۇشىدىن قورقۇپ، بۇنداق دېموكراتىك تۈزۈمنى قوللىنىشنى رەت قىلىۋاتىدۇ ' دەپ كۆرسەتتى. يەنە بىر تور ئەھلى 'يىللاردىن بۇيان كوممۇنىست پارتىيە چىرىكلىشىپ ھەددىدىن ئاشتى، ئەمما خەلق ۋەكىلى دېگەنلەر بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىدە خەلق ۋەكىللىرىنىڭ جاۋابكارلىقى بار' دېدى.

بىر مۆتىدىل سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا خەلق دۆلەتنىڭ قانۇنى يول قويغان دائىرىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان مۆتىدىل سىياسىي پائالىيەتچى لى تيې ئەپەندى مۇخبىرغا ' بىر دۆلەتتە قاندا ق سىياسى يولنى تاللاشتا رەھبەرلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بەلگىلەش ھوقۇقى بار. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشنى خالىمىسا، ئۇ خەلقنىڭ ھوقۇق ھاۋالە قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك، ئۆزى زوراۋانلىق قىلىپ 1 مىليارد ئۈچ يۈز مىليون خەلقنىڭ ھوقۇقىنى مونوپولىيە قىلىۋالماسلىقى كېرەك' دېگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.