ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە بىر تور يازغۇچى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەرىزىنى مۇنداق بايان قىلغان: "ئەتە - ئۆگۈن بىر ئاخبارات يىغىنى ئېچىلىدۇ، ئىسيانكار خەلق ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئامما دەپ ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىدىن تېلېۋىزور ئىكرانلىرىدا بىر قانچە كىشىنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇپ - چېقىش ھەرىكىتىنى كۆرىمىز . بۇلار ئاز ساندىكى بۇزۇق ئۇنسۇرلار بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تېلېۋىزوردا ۋەقەدىن نارازى بولغان خەلق ۋە ھەرىكىتىگە پۇشمان قىلىپ كۆز يېشى قىلغان كىشىلەر چىقىدۇ."
تور يازغۇچىسىنىڭ بۇ پەرەزلىرى ھازىر ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى. تۈنۈگۈن يەنى 1 - ئىيۇل كۈنى گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا، ۋەقەنىڭ باش - ئاخىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. يىغىندا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋەقەدە، ناھىيىلىك پارتكوم بىناسى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلگەن. ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىكى 104 ئىشخانا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارە بىناسىدىكى 47 ئىشخانا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ساقچى رازۋېتكا بۆلۈم بىناسىنىڭ 14 ئىشخانىسى، ساقچى مەركىزى ئارخىپ بۆلۈمىنىڭ ئىشكاپلىرى ۋە 42 چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىل ئۇرۇپ چېقىلغان. 150 نەپەر ساقچى ۋە ھۆكۈمەت كادىرى يارىدار بولغان. يىغىندا ئۇرۇش - چېقىش ۋە ئوت قويۇشقا بىۋاستە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم يامان غەرەزلىك كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى ئېچىلغان ئەينى كۈندە، ئامېرىكىدىكى " پۇقرالار كۈچى" ناملىق ئاممىۋىي تەشكىلات مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلقىنى مۇشۇ ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 10 بىلەن 11 ئارىسىدا، 28 - ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە، جۈملىدىن سىرلىق ئۆلۈم بىلەن ئۆلگۈچىگە تەزىيە ۋە ئائىلىسىگە ھېسداشلىق ئىپادىلەشكە چاقىرغان. مۇراجەتنامە ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ مۇراجەتنامىسىدە خىتاي خەلقىنى 28 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئىپادىلەنگەن نارازىلىقىنى تېنچلىق شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
مۇراجەتنامە، خەلقنى پۇرسىتى كەلگەندە ئاكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە يەنى نامايىش قىلىش، مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ۋە نۇتۇق سۆزلەش شەكلىدە قارشلىق ئىپادىلەشكە؛ نورمال ۋاقىتلاردا بولسا پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە؛ يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن ۋە مۇراسىملىرىغا قاتناشماسلىق، رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئالقىشلىماسلىق، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئوقۇماسلىق ۋە كۆرمەسلىك ۋە باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرغان.
خىتاي دېموكراتلار پارتىيىسى 30 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي خەلقىنىڭ ئامالسىز ئەھۋالدا تاللىغان ھەر قانداق زورلۇق شەكلىدىكى قارشىلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ بۇ مەيدانىنى يازغۇچى شى خۇا مۇنداق سۆزلىرى بىلەن قوللايدۇ " خىتاي بۈگۈن تىپىك بىر ساقچى دۆلىتى . كوممۇنىست ھاكىمىيەت جياڭ زېمىن دەۋرىگە قەدەر خەلقنى ئالداپ ۋە قورقۇتۇپ باشقۇرۇپ كەلگەن بولسا، بۈگۈن پەقەتلا قورقۇتۇپ باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچىدىن باشقا ئىشىنىدىغان ھېچ نەرسىسى يوق". ئاپتور " ھوقۇق تارازىسىنىڭ چېكىتى ئۆچتى " ناملىق مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: كوممۇنىستلاردا بۈگۈن سىياسىي ئېتىقاد يوق، چۈنكى كوممۇنىزم مەغلۇپ بولدى؛ دىنىي ئېتىقاد تېخى يوق، چۈنكى ئاتىزم تەربىيىسىدە چوڭ بولدى؛ ئەخلاق ئامىلى تېخىمۇ يوق، چۈنكى بازار ئىگىلىكى ئۇلارنى پۇلغا يۈزلەندۈردى.
سىچۈەندە ئاپەتكە ياردەم بېرىلىۋاتقاندا، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تىك ئۇچار قازاغا ئۇچراپ 16 كىشى ئۆلگەن ئىدى. بۇلاردىن 5 نەپەر ئەسكەر، قالغان 11 نەپىرى ئادەتتىكى پۇقرا ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5 نەپەر ئەسكەرنى ئىنقىلاۋىي قۇربان دەپ تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ۋە 200 مىڭ يۈەندىن ئىستىراخۇانىيە ياردەم پۇلى بەرگەن، ئەمما قالغان 11 كىشى ھەققىدە بۈگۈنگە قەدەر ھېچنېمە دېيىلمىگەن. يازغۇچى شى خۇا مانا بۇ ھادىسىنى، بىر ساقچى دۆلىتىنىڭ ئالامىتى دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئولىمپىك ھارپىسىدا يۈز بەرگەن ۋېڭئەن ۋەقەسىدە خىتاي خەلقىنىڭ ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىشىنى دەل جايىغا ۋە ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلىش دەپ مەدھىيىلەيدۇ.
0:00 / 0:00
