خىتاي يەنە 50 يىلدىن كېيىن ياشانغانلار دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ

خىتاي جەمئىيىتى كەلگۈسى 50 يىلدا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور ئىجتىمائىي مەسىلىلەر نېمىلەردىن ئىبارەت ؟ ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 2050 - يىلغا كەلگەندە ياشانغانلار دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ خىتايغا ئېغىر ئىقتىسادى يۈك پەيدا قىلىپلا قالماي جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا جىددى تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 2050 - يىلغا كەلگەندە ياشانغانلار دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ قاراشنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى بىر تەتقىقات ئورنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ نوپۇس تەرەققىياتى ئەھۋالىغا دائىر بىر تەتقىقات دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى تەييارلىغان بۇ دوكلاتتا، 2050 ‏ - يىلى خىتايدا 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشانغانلارنىڭ 438 مىليونغا يېتىپ، خىزمەت يېشىدىكى ھەر 100 ئادەمگە 61 نەپەر ياشانغان كىشى توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا خىزمەت يېشىدىكى تەخمىنەن ھەر بىر يېرىم ئادەمگە 60 ئادەمنى بېقىش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

"ئىسلاھاتتىكى ئۇزۇن سەپىرى - جوڭگونىڭ پېنسىيە تۈزۈمى" دېگەن ماۋزۇدىكى دوكلاتتا خىتاي نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشنى ئانالىز قىلىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىشى خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر پەيدا قىلىپلا قالماي جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى پېنسىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرمىسە ئىزچىللاشتۇرمىسا ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاقىۋەتلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىدۇ.

ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى "جۇڭگونى كۆزىتىش" جورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئائىت بىرەر مۈمكىنچىلىكنى كۆرۈپ يەتمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن چېن كۇيدى، "جوڭگونىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەھۋالى بىر ئاز پەۋقۇلاددە. جوڭگونىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەھۋالى ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز، بەزى جايلاردا مەۋجۇت ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىر مەسىلە جوڭگونىڭ بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى. بۇ تۈزۈم جۇڭگودا باشقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئائىلە قۇرۇلمىسىنى پەيدا قىلدى.... بۇ تۈزۈم جۇڭگودا ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت ياشانغانلارنىڭ يۈكىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ئەھۋالنى شەكىللەندۈردى"، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا يەنە يېقىنقى 30 يىلدا خىتاي نوپۇسىنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكى، ياشانغانلار بىلەن ئۆسمۈرلەر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى ئۆزگىرىپ، 1975 ‏ - يىلى 14 ياشنىڭ تۆۋىنىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى 366 مىليون، 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشانغانلارنىڭ سانى 64 مىليون بولغان بولسا، 2005 ‏ - يىلى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇمى سانى 284 مىليونغا تۆۋەنلىگەنلىكى، لېكىن قېرىلارنىڭ سانى 144 مىليونغا چىققانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا ياشانغانلار بۇ سۈرئەت بىلەن كۆپەيسە 2020 ‏ - يىلغا بارغاندا ھەر يىلى 10 مىليون كىشى ياشانغانلار سېپىگە قوشۇلۇپ، خىزمەت يېشىدىكى ئادەملەرنىڭ سانى يىلىغا 7 مىليوندىن ئازىيىپ ماڭىدىكەن.

چېن كۇيدﯤ ئەپەندى بۇ ئەھۋالنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ناھايىتى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلىگە يەنىلا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەگەر ھازىرقى ئائىلە قۇرۇلمىسى ياشانغانلارنى بېقىپ كېتەلمىسە بۇنىڭ زور كۆلەملىك توپىلاڭلارنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگونىڭ پېنسىيە تۈزۈمى مۇكەممەللەشمىگەن. بۇ ساھەدە غەرب ئەللىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا جوڭگونىڭ ياشانغانلار نوپۇسى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيسە، بۇ ئائىلە ئىچىدىكى زىددىيەتلەر، ئىجتىمائىي توپىلاڭلار قوشۇلۇپ، ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ."

خىتاي 1970 ‏ - يىللاردا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگەن، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى ئالغا سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىغان.

چېن كۇيدﯤ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نېگىزلىك ئۇسۇلى پېنسىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ " ھەقىقى تۈردىكى جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ماس ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇرۇنقى بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمنى بىكار قىلىش لازىم. نوپۇس كونترولى بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى ئائىلىلەرگە تاڭىدىغان مەجبۇرلاش تۈسىدىكى تۈزۈم بىلەن يولغا قويۇلماسلىقى كېرەك. بەلكى ياپونىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى مېخانىزىمى ئارقىلىق تەڭشەش لازىم،" دەيدۇ.