تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى توي ۋە ئائىلە زىددىيىتىدىن كېلىپ چىققانلىقى يەنى بۇلارنىڭ ئىچىدە يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى شەھەر ئاياللىرىغا قارىغاندا 3 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان، خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيەتشۇناسلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.
خىتايدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2000 - يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى تەخمىنەن 250 مىڭ ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، ئاز دېگەندە 1 مىليون ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا ئاساسەن ھەر ئىككى مىنۇتتا بىر خىتاينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىسى بولۇپ، بىراق خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ %90 ى يېزىلاردا يۈز بەرگەندىن سىرت، ئاياللارنىڭ كۆپ ساننى ئىگىلىشى، بولۇپمۇ خىتايدىكى ياش يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ شەھەر ئاياللىرىدىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدىكەن.
نېمە ئۈچۈن يېزىلاردىكى ياش ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ؟ بېيجىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شۈ رۇڭ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتاي يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆلۈۋېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ، يېزا تۇرمۇشىنىڭ ناچار شارائىتى، تۈرلۈك قېيىنچىلىقلار، ئاياللارنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولالماسلىق مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك، ئاياللارنىڭ توي قىلىپ ئەرنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولۇپ كىرىشى قاتارلىقلارنىڭ بۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،يەنە يېزا ئاياللىرىنىڭ ئۆزىگە ناتونۇش بىر مۇھىتقا توي قىلىپ يۆتكىلىپ كېلىپ، تەقسىماتتا باراۋەرسىزلىككە ئۇچرىشىىشىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يەنە، توي ۋە ئائىلە مەسىلىسى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەققىدە يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭدا ئائىلە زوراۋانلىقى، ئائىلە ئىختىلاپلىرى، ئاشنا تۇتۇش قاتارلىقلار ھالقىلىق رول ئوينىغاندىن باشقا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىن قايناقلانغان بېسىمنىڭ خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتا ئىككىنچى چوڭ ئامىل ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مەركىزى ئاگېنتلىق بېيجىڭدىكى بىر نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ئايال پروفېسىسورىنىڭ ھاياتىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى يېزىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېرىنىڭ ئىدارىسى تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ، ھېچقانداق تۇرمۇش تەمىناتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى، بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئۆي كىراسى، يېزىدىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ دوختۇر پۇلى، سۇ، توك، گاز قاتارلىق تۇرمۇش خىراجەتلىرىنىڭ ھەر ئاي 4000 يۈەن مائاش ئالىدىغان پروفېسسورغا يەتمەيدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلىرى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇرمۇش شارائىتى، خىزمەت مۇھىتى بىلەن تۈرلۈك بېسىملاردىن كېلىپ چىققان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى خىتايدا 20 % كە يەتكەن، زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتىمۇ ئالاھىدە ئاشقان بولۇپ، ئىقتىساد، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللاشمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.
بېيجىڭدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنى نىيىتىدىن ياندۇرۇش مەركىزى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللى بېرىش مەركىزى كانادالىق دوختۇر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. بۇ ئورۇن ھازىرغا قەدەر 110 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىيىتى بارلىقى توغرىسىدىكى تېلېفونىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ئەمما بۇ مەركەزنىڭ ھازىر تېلېفۇن ئۇرغۇچىلارغا پىسخولوگىيە جەھەتتىن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە كەسپىي خادىملارغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، غەرب جەمئىيىتىدە خرىستئان مۇرىتلىرىنىڭ پىسخىلوگىيىلىك ئۆزگىرىشىدە، چېركاۋنىڭ دىنىي ئەمەلدارى مۇھىم رول ئويناپ، تۇرمۇش ۋە ئىچكى زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. لېكىن خىتايدا ئىشچىلار ئويۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلار بۇ جەھەتتە تامامەن ئىقتىدارسىز بولۇپ، ھەر خىل دىنىي ئورۇنلار ۋە باشقا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى تامامەن چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، خىتايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى كۈندىن - كۈنگە ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىكەن.
ئامېرىكىدا سەھىيە ساھەسى بۇيىچە مۇتەخەسسىس مەمتىمىن ئەپەندى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللامدۇ ؟ دېگەن سۇئالغا مۇتەخەسسىس مەمتىمىن ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
