'كۆزىتىش ژۇرنىلى' بۈگۈن خىتايدىكى ئىچىدىغان سۇنىڭ ھازىرقى سۈپىتى ھەققىدە يېزىلغان بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
- خىتايدا بۇرۇن ' توققۇز ئەجدىھار سۇ باشقۇرىدۇ' دەيدىغان رىۋايەت بار ئىدى، - دەپ مۇلاھزىسىنى باشلايدۇ بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ، ھازىر گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقان سۇ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ۋېيلو ئەپەندى، - ھازىرمۇ خىتايدا سۇنى باشقۇرىدىغان ئەجدىھار كۈپ. يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى باشقۇرىدۇ، شەھەرلەردىكى ئىچىدىغان سۇنى قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى باشقۇرىدۇ، ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىنى سەھىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ، ئىچىدىغان سۇنىڭ سۇ مەنبەلىرىنىڭ سۈپىتىگە مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مەسئۇل.
'ئەجدىھار كۆپ بولسا، سۇ سۈزۈلمەيدۇ '
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 50 يىلدىن بۇيان ئالدىنقى 'ئىككى ئەجدىھار' ئۆز -ئارا ھوقۇق تالىشىپ ئاۋارە. كېيىنكى ئىككىسى بىر -بىرىگە پىسەنت قىلمايدۇ. نەتىجىدە، 'ئەجدىھار كۆپ بولسا، سۇ سۈزۈلمەيدۇ ' دېگەندەك، خىتايدا ھازىر ، خەلقئارا ئۆلچەم بۇيىچە ئېيتقاندا، ئادەم ئىچىشكە لايىق پاكىزە سۇ تېپىلمايدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقتى. بۇ، سۇنى پاكىزلاش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئىچىدىغان سۇنىڭ مەنبەلىرى ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغانلىق مەسىلىسى.
ھازىر 'قوغۇشۇن' دېگەن سۆز چىقسا، ئاتا -ئانىلارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 1954 - يىلى 'تۇرۇبا سۈيىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ھەققىدە ۋاقىتلىق بەلگىلىمە' دەيدىغان بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 2006 - يىلىغا قەدەر 8 قېتىم 'يېڭى بەلگىلىمە' چىقىپ بولدى. ئاخىرقى ئۆلچەمدە ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلىدۇ، دەپ جاكارلانغان. ئۇنىڭدا ئىچىدىغان سۇدا قوغۇشۇن، ئارسېنىك، كادمىيۇم، كورومىيۇم تەركىبى ۋە ئۆچەي باكتېرىيىسى 0.01% تىن ئاشماسلىق دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما ھازىر خىتايدا ئىچىدىغان سۇ تەركىبىدىكى قوغۇشۇن ماددىسى بىلەن بالىلارنىڭ زەھەرلىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. ھازىر 'قوغۇشۇن' دېگەن سۆز چىقسا، ئاتا -ئانىلارنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ.
2009 - يىلى ئىچىدىغان سۇنىڭ باھاسى 15% ئۆرلىدى، ئەمما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 2009 - يىلى ئىچىدىغان سۇنىڭ باھاسى 15% ئۆرلىدى، ئەمما سۇنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى، تۇرۇبا سۈيى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار قوللىنىۋاتقان ئۈسكۈنە يەنىلا 50 - يىللاردىكى ئۈسكۈنە، بۇنى يېڭىلاشقا مەبلەغ يوق دەپ سەۋەب كۆرسىتىدۇ. ياۋروپادىمۇ ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ئۈسكۈنىلەر 50 - يىللاردىكى ئۈسكۈنە. ئەمما ياۋروپادا تېخنىكا يېڭىلىنىپ بولدى، خىتايدا تېخنىكا يېڭىلانمىدى، تېخنىكا تېخىچە 50 - يىللاردىكى قالاق تېخنىكا.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ 2006 - يىلىدىكى دوكلاتىدا، ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلگەن 122 دۆلەتنىڭ ئىچىدە، خىتاي 82 - ئورۇنغا تىزىلغان. دېمەك، خىتايدا ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى 'دۇنيا بۇيىچە سۈيى ئەڭ پاسكىنا' دەپ ئاتىلىدىغان جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن مىسىردىنمۇ تۆۋەن. قىسقىسى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە تېخى سۇ ئىچسە ئىچ سۈرۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يوق.
'ئىچىدىغان ھەر بىر لېتىر سۇ تەلەپ قىلىدىغان خېمىيىۋىي كىسلورود مېقدارى 11 م گ دىن يۇقىرى بولسا ئىچىشكە بولمايدۇ'
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى 2002 - يىلى ئىچىدىغان سۇنىڭ ئۆلچىمىنى 'ئىچىدىغان ھەر بىر لېتىر سۇ تەلەپ قىلىدىغان خېمىيىۋىي كىسلورود مېقدارى 11 م گ دىن يۇقىرى بولسا ئىچىشكە بولمايدۇ' دەپ بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆلچەم ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلىنمىدى. ھازىر خىتايدا ھەممىلا جايدا ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى بۇ ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ. بۇنى خىتاي دۆلەت كابىنېتى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ رىئاللىقنى خەلقتىن يۇشۇرۇۋاتىدۇ. باش مىنىستىر ۋېن جياباۋمۇ 'ئۆزەڭلار قاراپ بىر ئىش قىلىڭلار' دەپ چەتكە چىقتى. مانابۇ 'خىتايچە سوتسىيالىزم'.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.