خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاي دۆلىتى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان، تەن جازاسىنىڭ تۈرىمۇ ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەردىن بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن 2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ بېشىدا قولغا ئېلىنغان ئابدۇللا ئەپەندى، 11 - ئايغىچە ساقچى ئىدارىسىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ 5 ئاي جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، تەن جازاسى جەريانىدا ئۇنىڭ بىر قولى مېيىپ بولغان.
5 ئاي تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئابدۇللا ئەپەندى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىپ قىلىشىدىن قۇتۇلالمىغان. سىياسى گۇمانلىق ئۇنسۇر قالپىقى كەيدۈرۈلگەن ئابدۇللا ئەپەندى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ھېيت - بايراملاردا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قاماپ قويۇلغان.
ھەر قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغاندا، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، ئوغلىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى كۆرگەن ئاتا - ئانىسى ئابدۇللاغا يۇرتىدىن ئايرىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ھاياتىنىڭ چىقىش يولىنى چەتەلگە قېچىشتا تاپقان.
ئابدۇللا ئەپەندىدىن ساقچى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇچرىغان تەن جازالىرىنى ھېچكىمگە دېمەسلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن تىل خېتى ئالغان.
كۆپ قېتىم ساقچىلار تەرىپىدىن تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئابدۇللا ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاز بىر قىسمىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئايان ئىكەنلىگى، بۇ زۇلۇمنىڭ كۆپىنچىسىدىن كىشىلەرنىڭ خەۋەردار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا ئەپەندى، خىتايلارنىڭ بىلىنمىگەن يۈزىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.