خوتەندە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ پەريادى (2)

تۈنۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئەركىن ئاسيا رادىئوسىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن 2003 - يىلى 6 - ئاينىڭ بېشىدا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئابدۇللا ئەپەندى، 11 - ئايغىچە 5 ئاي ساقچى ئىدارىسىدا قاماپ قويۇلغانلىقىنى، بۇ 5 ئاي جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ قېيىن ‏ - قىستىغى جەريانىدا بىر قولىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

0:00 / 0:00

سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئابدۇللا ئەپەندى 5 ئاي ساقچى ئىدارىسىدا قاماپ قويۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەقىپ قىلىشىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى، سىياسى گۇمانلىق ئۇنسۇر قالپىقىنى كەيدۈرۈپ ھېيت - بايراملاردا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ قاماپ قويۇلغانلىقىنى، ھەر قېتىم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويۇلغاندا، تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇنىڭغا يۈرىكى چىدىيالمىغان ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇللا ئەپەندى سىياسى گۇمانلىق ئۇنسۇر دەپ قارىلىپ ھەر ھېيت - بايراملاردا يىغىۋېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 5000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، چەتئەلنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنىمۇ بىزگە ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىز.