خىتاي دېموكراتلىرى: 'كومپارتىيە ھۆكۈمىتى چىرىكلىشىشنى توسالمايدۇ'

كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىشىشى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 30 ‏- دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا جىددىي يىغىن چاقىرىپ، 2010 - يىلىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

0:00 / 0:00

ئەمما خىتاي دېموكراتلىرى خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلمىغىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى تۈگىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ھازىر خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى خەلقئارا ئاخبارات ساھەلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 2010 - يىلى 7 - يانۋاردىكى خەۋىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2009 - يىللىق ئىقتىسادى دېلولار ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 2009 - يىلى ئىچىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ئىچىدە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلار خىتايدىكى ئومۇمى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 1%نى ئىگىلەيدىكەن. دوكلاتتا يەنە 2009 - يىلى ئىچىدە 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن يۇقىرى خىيانەت قىلغان ئەمەلدارلارنىڭ 2008 - يىلىغا قارىغاندا 19.2% ئاشقانلىقى، پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن جازالانغان ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ 2008 - يىلدىكىدىن 10.8% ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىسلاھات يولغا قويۇلغان 30 يىل ئىچىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەخمىنەن 4000 ئەتراپىدىكى رەھبىرى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن ئېلىپ كەتكەن پۇلى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. خەۋەردە يەنە، ھازىر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا 2010 - يىلى كىرىش ھارپىسىدا، خىتاي كومپارتىيىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق 17 ئورگان بىرلىكتە، خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى ئېنىقلاپ دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىش، پارىخورلۇقى پاش بولغان كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ بېرىلگەن.

بۈگۈن چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى چىرىكلىشىشنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق نازارەت بولمىغان بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

"ھازىر خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. چۈنكى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان پۇقرالارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقى توسۇپ بولالمىغىدەك دەرىجىگە يەتتى. ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاۋاتىدۇكى، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش بىلەنلا كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشلىرى ئازىيىش ئەمەس، بەلكى بارغانچە ئەۋج ئېلىپ، ھازىر بۇ خىل چىرىكلىشىش كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى بىر ئېقىمغا ئايلاندى. شۇڭا بۇلتۇر خىتايدا بىر قىسىم قانۇنشۇناسلار خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال - مۈلكلىرىنى تىزىملاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ لايىھە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغىنى ئۈچۈن ئەمەلىيلەشمىدى. مېنىڭچە، كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى چىرىكلىشىش خاھىشىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، 60 يىلدىن بۇيان خىتايدا بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بولۇۋاتىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلەنگەن پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ پۇقرالار تەرىپىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلماسلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى چىرىكلىكنى ھەقىقىي ھالدا يوقاتقۇسى يوق. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىگە ئېھتىياجى بار، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىپ، پايدا ئېلىشى ئارقىلىق پارتىيىگە بولغان ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرمەكچى، ئۇلار ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىمەكچى. ئۇلارنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى تېخىچە جازالىماسلىقى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بولۇۋاتىدۇ. ۋاڭ لېچۈەننىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرى ھەققىدە خەلقنىڭ نارازىلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولسىمۇ، مەركىزى ھۆكۈمەت مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە ياتىدىغان قىلمىشلىرىنى كۆرمەسلىككە سېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ۋاڭ لېچۈەننىڭ پارىخورلۇق دېلوسىنى تۇرغۇزسا، كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ بىراقلا پاش بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ."

خۇ پىڭ ئەپەندى ئەگەر خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك ھاكىمىيەت ئورنىتىلمىسا، ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ نازارىتى بولمىغان ھالەتتە، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىشىش قىلمىشىنىڭ بارغانچە ئەۋج ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى: "خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ھوقۇقنى قولغا ئالغان كۈنىدىن باشلاپلا، پۇقرالارنىڭ شەخسى مۈلكىنى كومپارتىيىنىڭ ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ نامدا ئومۇمىي مۈلۈك دەپ ئاتاپ، ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېنىنى توملاش ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ چىقتى. شۇڭا كومپارتىيىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمرانلىقى مەۋجۇتلا بولىدىكەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. پەقەت خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، خەلق تەرىپىدىن دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىپ، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئورنىتىلغاندىلا ئاندىن خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ."

خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدىكى پارىخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىپ چىرىكلىشىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىش ھادىسىسىنى توسۇپ قېلىشنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە، باشقا خىتاي دېموكراتلىرىمۇ ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خوڭكوڭ پەن ‏ - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پروفېسسورى دىڭ شۆلياڭ ئەپەندى ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، "ئەگەر خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى 70 مىليون كومپارتىيە ئەزاسىنى نازارەت قىلىمەن دەيدىكەن، ھازىرقى بىر پارتىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆزىلا ئەڭ چوڭ پارىخورلاردۇر. خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، يەنىلا خىتايدا ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇش، ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە بولغان نازارىتى بولغىنىدىلا، ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەندىلا ئاندىن خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.