چەتئەل پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئىگىلىكى كېلەر يىلىدا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن ھەمدە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ بارىدىغان خىزمەتسىزلىك نىسبىتى جەمئىيەتتە جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتى جەمئىيەتتە جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 15 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق نىسبىتى جەمئىيەتتە جىددىيچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتە خىتاي رەھبەرلىرىمۇ ئۆز ئەندىشىلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان بولۇپ، "جۇڭگو گېزىتى" دە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ كېلەر يىلى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: " دۇنيا ئىقتىسادى كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كېلەر يىللىق خىزمەت مەسىلىسى يەنىلا بەك كۆڭۈلسىز بولىدۇ" دېگەن ۋە خىتايدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگانلىرىنى بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشتە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشكە چاقىرغان.
خىتاي شەھەر ئىچىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 9.4 پىرسەنتكە يەتكەن
رويتېرسنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ شىياۋجياڭ، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى بۇ يىل ئاخىرىغىچە 4.5 پىرسەنت ھالىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە كېلەر يىللىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئېلان قىلغان نىسبەتتىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا ، نۆۋەتتە خىتاي شەھەر ئىچىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 9.4 پىرسەنتكە يەتكەن.
8 مىليون 300 مىڭ خىزمەت ئورنى يوقالغان
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل جەريانىدا خىتايدا 670 مىڭ كىچىك تىپتىكى شىركەتلەر تاقالغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا ، نەتىجىدە 6.7 مىليون خىزمەت ئورنىنىڭ يوقالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ۋەھالەنكى، رويتېرستا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلار مەسلىھەتچىسى چېن چۇئاڭشېڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ئىشسىزلىق ئەھۋالىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھەمدە خىتايدا بۇ يىل جەمئىي 8 مىليون 300مىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىدىكى تۆۋەنلەش ھادىسىنىڭ خىتاينىڭ نېفىت سانائىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەكس تەسىرى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز گۇرۇھى كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ بەش پىرسەنتىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نېفىت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتتە 1مىليون 670 مىڭ ئىشچىسى بار بولۇپ، شۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا مەزكۇر شىركەت جەمئىي 80 مىڭ ئىشچىسىنى قىسقارتىشى مۇمكىن ئىكەن.
رويتېرستنىڭ كۆرسىتىشىچە، 19 - دېكابىر جۈمە كۈنى شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى، خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ 2009 - يىلى داۋاملىق جىددىي تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ خىتايدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
نارازىلىق نامايىشلىرى بىر قەدەر كۈچىيىشكە باشلىدى
مەلۇم بولۇشىچە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ ، بۇ ساھەلەردە مىليونلىغان ئىشچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى ئىگىلىكى يۇقىرىدا مۆلچەرلەنگەن ھالەتتە تۆۋەنلىسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىشسىزلىق نىسبىتى خىتاي جەمئىيىتىدە مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
دەرۋەقە، جەنۇبى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ، شاڭخەي قاتارلىق سانائەت بازىلىرىدا، زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى بىلەن خىزمەتسىز قالغان ھەمدە ئىش ھەققىنى ئالالمىغان ئىشچىلار ئۈزلۈكسىز نارازىلىق نامايىشلىرىنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ھادىسىلەر يېقىندىن بۇيان بىر قەدەر كۈچىيىشكە باشلىدى.
19 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدە بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شەھەرگە جايلاشقان جيەنرۇڭ چامادان زاۋۇتىنىڭ 300 گە يېقىن ئىشچىسى كەم قالغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش تەشكىللەش ئالدىدا ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 30 دەك خىتاي ساقچىسى ئىشچىلارنى ياتاق بىناسىدىن چىقارماي بىنا ئىچىگە قامال قىلىۋالغان بولۇپ، نەتىجىدە ساقچىلار بىلەن ئىشچىلار ئارىسىدا تىركىشىش كېلىپ چىققان.
مەزكۇر زاۋۇت ئىشچىلىرى 15 - نويابىردىن بۇيان ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە ئىدى.