ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر خىتايدىن مال ئېلىشقا مەجبۇرمۇ (2)

ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن پەرقلىق كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۇيغۇر سودىگەرلەر خىتاي بىلەن قەتئىي تىجارەت قىلماسلىكى كېرەك، دەيدىغان كۆز قاراشتا بولسا، يەنە بەزىلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە كۆز قاراشتا.

0:00 / 0:00

ئەلۋەتتە تۈركىيە قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ خىتايغا بېرىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەي ئۇلارغا قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس.

تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىلىرى تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، رادىئومىزغا كەلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى خىتايغا بېرىپ تىجارەت قىلىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە ۋىزا بەرمەسلىك، ھەتتا ئۇلارنى سوئال - سوراققا تارتىشتەك ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە زور قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتقان ئىكەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زادى خىتاي بىلەن تىجارى مۇناسىۋەت قىلىش توغرىمۇ - خاتامۇ دەيدىغان پەرقلىق كۆز قاراشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلار باش قاتۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە بوپقالغان.

بىز بۇ ھەقتە ئۇزۇن يىلدىن بېرى ئىستانبۇلدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېشىت ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ مەسىلە ھەققىدە تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىمىزغا دىققەتتە بولغايسىلەر.