خىتاينىڭ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ھازىرمۇ چەتئەلگە قېچىۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ سېلىپ 'خىيانەت قىلغان پۇللارنى يۆتكەپ چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى' دەۋاتقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى ھازىر 20 مىڭدىن ئاشتى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن، گەرچە جىنايىي پاكىتلىرى ئېنىقلىنىپ بولغانلارنى كېلىشىم بۇيىچە چەتئەللەرگە تۇتقۇزۇپ قايتۇرۇپ كېتىش ياكى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ خەلقئارا ساقچى ئارقىلىق تۇتۇپ كېتىش چارىسىنى قوللىنىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەر قانۇن بۇيىچە ئىش بىجىرىدىغان بولغاچقا، جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ سانى ھازىر ئاران 20 نەچچە بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ چارىسى ياخشى ئۈنۈم بەرمەي كېلىۋاتىدۇ.

بېيجىڭ شەھەرلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 90 ‏ - يىللاردىن كېيىن چەتئەللەرگە قاچقان ئەمەلدارلارنىڭ سانى 26 مىڭدىن ئارتۇق. خىتاينىڭ تەپتىش تارماقلىرى بۇ ئەمەلدارلار ئۈستىدە تۇرغۇزغان خىيانەتچىلىك دېلوسى 16 مىڭ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسى 2636 . ئۇلار چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن پۇلنىڭ سانى 800 مىليارد يۇەندىن ئارتۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پۇللار ئاساسەن دۆلەتنىڭ باج كىرىمى، بىناكارلىق راسخوتى، پۇل - مۇئامىلە تارماقلىرى تارقىتىدىغان قەرز، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ۋە يەر ‏ - زېمىن تىجارىتى مەبلەغلىرىدىن كام چىققان پۇل.

خىتاي ھۆكۈمىتى 'چەتئەللەرگە قاچقان ئەمەلدار' دېيىلگەنلەرنىڭ رەسمىيىتى قانۇنلۇق ئىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 'چەتئەللەرگە قاچقان ئەمەلدار' دېگەن كىشىلەرنىڭ چەتئەللەرگە چىققاندىكى رەسمىيىتى تولۇق ھەم قانۇنلۇق. ھۆكۈمەت ئەينى ۋاقىتتا ئۇلاردا جىنايەت بار دېمىگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەرگە خىزمەت زىيارىتى ياكى ساياھەت قىلىدىغان ئۆمەكلەرنى باشلاپ چىققان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەر كېلىپ قايتىپ كەلمەي تۇرۇپ قالغانلارنى 'چەتئەللەرگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدار' دەپ ئاتاپ ياكى ئۇلاردا 'جىنايەت بار' دەپ جاكارلاپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارمايدۇ. چەتئەللەر ئۇلارنى 'جىنايەتچى' دەپ ئېيتىش ئۈچۈن قانۇنىي رەسمىيەت ۋە ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈنمۇ دۆلەت ئارا تۈزۈلگەن كېلىشىم بولۇشى كېرەك.

ئىندەككە كەلتۈرۈپ قايتۇرۇپ كېتىش چارىسى

خىتاي ھۆكۈمىتى 'چەتئەللەرگە قاچقان خىيانەتچى ئەمەلدار' دەپ داۋراڭ سېلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېتىشكە ئامال قىلالمىغاندا، 'ئىندەككە كەلتۈرۈپ قايتۇرۇپ كېتىش' چارىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا، يۈننەن ئۆلكىسى قاتناش نازارىتىنىڭ باشلىقى خۇشىڭ چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، جازالىماسلىققا، ئەمەلىدىن قالدۇرماسلىققا ۋەدە بېرىپ ئىندەككە كەلتۈرۈپ قايتۇرۇپ كەتكەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەي شەھىرىدىكى لۇۋەن رايونىنىڭ باشلىقى يى ۋېيمىننىمۇ مۇشۇ چارە بىلەن قايتۇرۇپ كەتتى. بۇنداق چارە ئارقىلىق قايتۇرۇپ كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ سانى يەتتىگە يەتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ چارىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشقا باشلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق يېڭى چارىسى يەنىلا 'خىتايچە' چارە، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنى بىلەنمۇ ياكى خەلقئارا قانۇنلار بىلەنمۇ ھېچقانداق باغلىنىشى يوق.

يېقىندا خىتاينىڭ كوممۇنىست ئەمەلدارىدىن يەنە بىرى چەتئەلگە قاچتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ياڭ شاڭخۇڭ 9 ‏ - ئاينىڭ 19 ‏ - كۈنى بىر ساياھەت ئۆمىكىنى باشلاپ ياۋروپاغا كېلىپ، 12 كۈنلۈك ساياھەت جەريانىدا، دوستۇمنى يوقلايمەن، دەپ فرانسىيىدە غايىپ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 10 ‏ - ئايدا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ جازالىماسلىققا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ چارە ئاقمىغاندىن كېيىن، ئۇنى 'ئىندەككە كەلتۈرۈش' ئۈچۈن يەنە ئۈچ كىشى ئەۋەتكەن. بۇ چارە ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن ئۇنى 'خىيانەتچى'دەپ ئەيىبلەپ، كوممۇنىست پارتىيىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.

فرانسىيىنىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى جاڭ لۈننىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيىدە كۆچمەن بولۇشمۇ، قانۇنسىز كۆچمەن بولۇشمۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئىختىيارىدا، ئەگەر بىر كىشىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇش ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىگەنلا بولسا، فرانسىيە ئۇنىڭغا تەدبىر قوللانمايدۇ. ئۇنى 'جىنايەتچى' دەپ ئۆز دۆلىتىگە تۇتۇپ قايتۇرۇش ئۈچۈنمۇ، يەنىلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىنى تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى بۇيىچە دەلىل - پاكىت كۆرسۈتۈپ قانۇنلۇق رەسمىيەت ئۆتىشى كېرەك.

ئەمەلدارلار قېچىشتىن بۇرۇن قىلغان تەييارلىقى پۇختا

'خەلقئارا ئاۋانگاردلىرى گېزىتى' دا بايان قىلىنىشىچە، قاچقان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىش رەسمىيەتلىرى تولۇق ۋە قانۇنلۇق، ئۇلار چەتئەللەرگە كېلىشتىن بۇرۇن خىيانەتچى دەپ ئاتالمىغان، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تەكشۈرۈش نىشانىمۇ قىلمىغان. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللەرگە كېتىشنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا قىلغان.

چەتئەللەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ۋە پاسپورت ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىدىكى يوچۇقلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، بالا - چاقىلىرىنى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنى، ھەتتا ئاشنىلىرىنى چەتئەللەرگە چىقىرىپ، چەتئەللەردە بانكا ھېسابى ئاچقۇزۇپ پۇل يۆتكەشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدار قاچقاندىن كېيىن ' خىيانەتچى ' ئىدى ' تۇتۇپ بېرىڭلار ' دەپ سالغان داۋراڭلىرى ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ھازىرمۇ چەتئەللەرگە قېچىۋاتىدۇ.